غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى

غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگ

غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگ 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھىرى دە تۇغۇلغان، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قەشقەر شەھىرى
كەسپى خەتتات
باشقا نامى غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگ، غۇلامجان قادىرى، غۇلامجان قۇتبىلىگ، غۇلامجان قادىرى قۇتبىلىگ
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگ 1971-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھىرى دە تۇغۇلغان، ئالىي تېخنىكوم سەۋىيەسىگە ئىگە، قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگ1990-يىلى 3-ئايدىن 10-ئايغىچە قەشقەر نىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قويۇلغان ھەيكەللەرنى ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان.

شۇ جەرياندا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلغان.

1990-يىلدىن 1994-يىلىغىچە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىملاسىدىن ساۋات چىقىرىش كۇرسى ئېچىپ، 200 دىن ئارتۇق كۇرسانت تەربىيەلىگەن ۋە شۇ جەرياندا 1000 پارچىدىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت بېزەش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان.

2014-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچى دە غۇلامجان قۇتبىلىگ «مەرھابا نورۇز ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئۆتكۈزگەن.

2015–يىل 3–ئاينىڭ 18–كۈنى نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر شىنخۇا كىتابخانىسى 2–قەۋىتىدە «غۇلامجان قادىرى قۇتبىلىگ ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە «باھارغا مۇھەببەت» ناملىق كىتابىنى ئىمزا قويۇپ سېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن.

غۇلامجان ئابدۇرۇسۇل قادىرى قۇتبىلىگغۇلامجان قادىرى قۇتبىلىگنىڭ بىر پارچە ئەسىرى 1989-يىلى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1994-يىلى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىت ئاسراش لوڭقىسى ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىدە 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن.

2009-يىلى 1-ئايدا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تېمىسىدا يېزىلغان ئۇيغۇرچە ھۆسنخەت ئەسىرى 1-دەرىجە باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

2013-يىلى ۋە 2014-يىلى بىر نەچچە ھۆسنخەت ئەسىرى دۇنيا يېزىق سەنئىتى كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، قامۇسقا كىرگۈزۈلگەن.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەلپىدا ئۇچۇر تورى 

http://www.uchur.com/?act=view&id=5111

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#