يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم

يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم

مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر دىنى زات يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم 1868-يىلى قومۇل شەھىرى نىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى ئايلىق مازار مەھەللىسىدە دىنىي ئۆلىما ئىبراھىم ھاجى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1940-يىلى ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1940-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قومۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1868-يىلى
باشقا نامى نەق ئاخۇنۇم
مىللىتى ئۇيغۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم 1868-يىلى قومۇل شەھىرى نىڭ شەھەر ئىچى يېزىسى ئايلىق مازار مەھەللىسىدە دىنىي ئۆلىما ئىبراھىم ھاجى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپتە دادىسى ئىبراھىم ھاجىدا، كېيىن قومۇل كونا مەدرىسەدە ئوقۇغان. دادىسى ئىبراھىم ھاجى بىلىن بىللە ھەجگە بارغان. ئۇنىڭ بىلىمى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ھەرقانداق مەسىلىگە كىتاب كۆرمەيلا نەق جاۋاب بېرەلەيدىغان بولغاچقا «نەق ئاخۇنۇم» دەپمۇ ئاتالغان.

يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم شاھ مەخسۇت ۋاڭ دەۋرىدە قومۇل ھېيتگاھ جامەسىدە، شەھەر ئىچىدىكى جۈمە مەسچىتلەردە ھەم ۋاڭ ئوردىسىدىكى مەسچىتتە ئىمامەتچىلىك قىلغان. شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسەدە مۇدەررىس، قومۇلنىڭ ئەلەم ئاخۇنۇمى بولغان.

يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم خەلقپەرۋەر كىشى بولۇپ، 1907-يىلىدىكى تورپاقلار قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلىپ، قوزغىلاڭنى قانلىق باستۇرۇشقا نارازىلىق قىلغانلىقتىن شاھ مەخسۇت ئۇنىڭغا تەن جازاسى بەرمەكچى بولغاندا، قومۇلدىكى كاتتا ئۆلىمالارنىڭ بىرى تارمۇھەممەت ئاخۇنۇم تەرىپىدىن «گۇناھى» تىلىۋېلىنغان. ئەمما، شاھ مەخسۇت ئۇنى قومۇلنىڭ ئەلەم ئاخۇنۇملۇقىدىن قالدۇرۇپ، ئوردىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى تۈرنۈك ئارقىدىكى دۆڭدە ئولتۇرۇپ ئەرزنامە پۈتىدىغان پۈتۈكچى قىلىپ قويغان.

تۈرنۈكئارقى ياكى تۈرنۈكئارقى دۆڭ ھازىرقى قومۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنىدا بولۇپ، ئوردىنىڭ ئورنى بۇ دۆڭدىن ئېگىز ئىدى. بۇ دۆڭ پۇقرالار ئوردىغا ئەرز سۇنىدىغان جاي ئىدى. ئوردىنىڭ دېرىزىسىدىن قارىسا، بۇ دۆڭدىكى ئەرزچى–داۋاگەرلەر ئېنىق كۆرۈنەتتى. شۇ دەۋرلەردە  كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوردىغا سۇنىدىغان ئەرزلىرىنى مەخسۇس پۈتۈكچىلەرگە يازدۇرۇپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئوردىغا سۇنۇش بىر تۈرلۈك رەسمىيەتكە ئايلانغان، ئاغزاكى ئەرزلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمىغان. مەكتەپ يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت شۇ دۆڭدە بىر پارچە تېرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سوغۇقنى سوغۇق، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي، پۇقرالارنىڭ ئەرزنامىلىرىنى يېزىپ بېرىشىنى داۋانلاشتۇرغان ھەم بۇ جەرياندا ئاغرىقچان بولۇپ قالغان.

بۇنى بىلگەن جامائەت شاھ مەخسۇتتى ئۇنىڭ «گۇناھى» نى تىلىۋالغان. 

شۇنىڭدىن كېيىن يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم ئۆزى شەخسىي مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەكتەپ ئەينى دەۋردە قومۇل مەدرىسەسىدىن قالسىلا تالىپلارنىڭ سانى كۆپ، قومۇل بويىچە مەشھۇر مەكتەپ بولۇپ قالغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا مەكتەپ دېگەن سۆز قوشۇلۇپ «يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. قومۇلدىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن ھوشۇر قازى ئاخۇنۇم، پالۋانتۇرلۇق سالى قارى ئاخۇنۇم، قاراڭلا چۆلتۇرۇق ئابدۇقادىر ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشلەر ۋە بىر قىسىم تەيجىلەر، بەگلەرمۇ مەكتەپ يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان.

1930-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم ئوردىدىكىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، نەزەرنىڭ ۋاڭلىققا ۋارسلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۆمىكى تەركىبىدە ئۈرۈمچىگە چىققان، جىن شۇرېن بۇ پۇرسەتتى پايدىلىنىپ، نەزەرنى «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، مەركەزنىڭ تەپتىش ھەيئىتى، يۇنۇس ئەلەم ئاخۇنۇم نەزەرنىڭ ئىمامى. ئۇلار بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ» دېگەندەك چىرايلىق باھانە–سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قالىدۇ. 

1931-يىلى قومۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، جىن شۇرېن «قوزغىلاڭچىلارنى نەزەر قۇتراتقان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمان بىلەن ئۇلارنى بىر يىل نەزەر بەند قىلىپ قويىدۇ ئۇلار 1933-يىلى 5-ئايدا ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىشنى باھانە قىلىپ قومۇلغا قايتىپ كېلىدۇ.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ «قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#