خەيتاڭ قولتۇقى بازىرى

خەيتاڭ قولتۇقى بازىرى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، سەنيا شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ھېساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى خەيتاڭ قولتۇقى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 253.8 كۋادىرات كىلومېتىر
كىلىماتى تروپىك بەلباغ دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك موسسۇن شامىلى ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海棠湾镇
ئۆلكىسى خەينەن ئۆلكىسى
تەۋە رايون سەنيا شەھىرى
نوپۇسى 39267
رايون نۇمۇرى 0898

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەيتاڭ قولتۇقى بازىرىخەيتاڭ قولتۇقى بازىرى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، سەنيا شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ھېساپلىنىدۇ، شەرقتە لىڭشۈي لىزۇ-مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى نەنخەي دېڭىزى ۋە يالوڭۋەن ساياھەت تەرەققىيات رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، سەنيا شەھىرى رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 253.8 كۋادرات كىلومېتىر، بازىرىنىڭ كۆلىمى 100.9 گېكتار، پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 39267 ئادەم.

خەيتاڭ قولتۇقى بازىرىنىڭ ساياھەت رايونىقارىمىقىدا ئۈچ مەھەللە، 19 كەنت بار بۇلۇپ، يۇڭنىڭ مەھەللىسى، لىن ۋاڭ مەھەللىسى، تېڭ خەي مەھەللىسى، تېڭ چىياۋ كەنتى، لوڭ لو كەنتى، يىڭ كەنتى، لۇڭخەي كەنتى، پالمىزارلىق كەنتى، شەرقىي جىلغا كەنتى، خەيفېڭ كەنتى، شېڭچاڭ كەنتى، چىڭتيەن كەنتى، جياڭلىن كەنتى، لوڭجىياڭ كەنتى، جۇاڭ دا كەنتى، لىنشىن كەنتى، خۇڭ لى كەنتى، بىيسەن كەنتى قاتارلىقلار.

خەيتاڭ قولتۇقى بازىرىنىڭ ساياھەت رايونىخەيتاڭ قولتۇقىنىڭ تاغ مەنزىرىسى گۈزەل، دېڭىز سۈيى كۆپكۆك، ساھىلى ئاپئاق، كوكۇس تۇتاش سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، دېڭىز قىرغىقى 22.4 كىلومېتىر كېلىدۇ، خەيتاڭ قولتۇقىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئۆزگىچە، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن بولغان ئېدىرلىق، كىچىك تۈزلەڭلىكلەر، دەريا، قولتۇقلار كۆپ، ئاپتاپ تولۇق چۈشىدۇ، يامغۇر مىقدارى مول، ھاۋارايىنىڭ مۆتىدىل، يېرى مۇنبەت.

خەيتاڭ قولتۇقى بازىرىنىڭ ساياھەت رايونى2004-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 421 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 355 مىليۇن يۈەن، 2-كەسىپنىڭ 24 مىليون يۈەن، 3-كەسىپنىڭ 42 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بازار بويىچە مالىيە كىرىمى 1705 مىليون يۈەن بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3671 يۈەن بولغان. مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى ئالما، لۇڭيەن، كـوكـۇس پالمىسى، ئۇزۇن كۆك پۇرچاق، تاۋۇز، راك، سەدەپ، چىپار بېلىق قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#