پەتتۇللا سوپى

 داڭلىق تېڭىقچى پەتتۇللا سوپى 1918-يىلى قۇمۇل نىڭ قارادۆۋە يېزىسى لاپچۇق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن لاپچۇقتا ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پەتتۇللا سوپى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
يۇرتى قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە يېزىسى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1918-يىلى
مىللىتى ئۇيغۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 داڭلىق تېڭىقچى پەتتۇللا سوپى 1918-يىلى قۇمۇل نىڭ قارادۆۋە يېزا لاپچۇق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسى سوپى نىياز ئاخۇنۇمدىن تېڭىقچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1951-يىلى قۇمۇل دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزگەن. 1955-يىلىدىن باشلاپ قۇمۇل ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇپ ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.

 پەتتۇللا سوپى سۇنۇق كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە تېڭىپ داۋالاشقا ماھىر بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر–يېنىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقان. ئۇ قۇمۇل، تۇرپان، ئۈرۈمچى، پىچان، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن تېڭىقچى شاگىرتلارنى تەربىيەلىگەن. شىنجاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى دوختۇرخانىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭلارغا تەكلىپ بىلەن بېرىپ، شۇ جايدىكى ئېغىر سۇنۇقلارنى داۋالىغان. داڭلىق تېڭىقچى پەتتۇللا سوپى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن لاپچۇقتا ۋاپات بولغان. پەتتۇللا سوپى ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك–دورىگەرلىك ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

سەھىيە نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تېبابەت تېڭىقچىلىق ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى»، «ساقلىقنى ساقلاش» قاتارلىق ژۇرناللادا ئون نەچچە پارچە ئىمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ سۇنۇق كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتىكى ئىش –پائالىيەتلىرى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «سۇنۇق–چېقىقلارنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش» ناملىق كىتابىنى يازغان.

«سۇنۇق–چېقىقلارنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش» ناملىق كىتابى بار.


باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ «قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#