ئاسلانباغ يېزىسى

ئاسلانباغ يېزىسى يەكەن ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان. 1955-يىلى رايون قىلىپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ يېزىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاسلانباغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون يەكەن ناھىيەسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿斯兰巴格乡
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 210 كۋادىرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسلانباغ يېزىسىئاسلانباغ يېزىسى يەكەن ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان. 1955-يىلى رايون قىلىپ قۇرۇلغان، 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قىلىپ قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. بۇ يېزىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقىي شىمال قىسمى بىلەن ئۆستەڭ يېزىسى تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبى بىلەن زەرەپشات يېزىسى تۇتىشىدۇ، غەربتە ھۇدا سايئېرىق يېزىسى بىلەن قوشنا. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 30 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 7 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 210 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جەمئىي 67 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە زەي تۇپراق %14 نى ئىگىلەيدۇ، سۇ يوللىرى 48 كىلومېتىر، تۈر رايونىدىكى يول 27 كىلومېتىر، ئىھاتە ئورمىنى 21 كىلومېتىر، ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى 343 كىلومېتىر، يېزا بويىچە تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئاسلانباغ يېزىسىپۈتۈن يېزىدىكى ئومۇمىي ئائىلە سانى 4204 ئائىلە، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان ئائىلىسى 3572 ئائىلە، ئادەم سانى 17618، ئومۇمىي نۇپۇس سانى 19951 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 18080 ئادەم، باشقا مىللەتلەر 893 ئادەم، باشقا مىللەتلەر ئىچىدە دېھقان ئائىلىسى 2889 ئائىلە، نۇپۇس سانى 15946 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لارنىڭ ئومۇمىي نۇپۇستا ئىگلىگەن سانى %97.4؛ خەنزۇ لار 230 ئادەم بۇلۇپ، ئىگلىگەن نىسبىتى %1.7؛ تاجىك لار 125 ئادەم بۇلۇپ، ئومۇمىي نۇپۇسنىڭ %0.9 نى تەشكىل قىلىدۇ. جەمئىي 57 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار، يېزىلىق پارتكومنىڭ قارىمىقىدا 37 پارتىيە ياچېيكىسى، 843 پارتىيە ئەزاسى بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىدارە-ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى 43 نەپەر، يېزا پارتىيە ئەزالىرى 800 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزاسى 183 نەپەر، ئەر پارتىيە ئەزاسى 617 نەپەرگە يەتكەن، ئايال پارتىيە ئەزاسىنىڭ، پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگەلىگەن  نىسبىتى ٪15.2 بولغان. مەكتەپ 9 غا يەتكەن بۇلۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 7، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتىپى بىر بۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 350 ئادەم، ئوقۇغۇچى سانى 3500 ئادەم، تېببىي خادىملىرى 35 كىشى، يېزا بويىچە 79 مەسچىت، 81 نەپەر دىنىي زات، 18 پونكىت بار.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#