قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى

قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى

قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى ئاقسۇ شەھىرى نىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدىكى قۇم، قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى، باغۋەنچىلىك بەشىنچى تارماق مەيدانى، ئايرودرومنىڭ جەنۇبى بىلەن قوشنا بولغان جايغا جايلاشقان. شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ؛ 

ئۇيغۇرچە نامى قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى
باشقا نامى قۇم دىھقانلار شاتلىقى باغچىسى، قۇم ھويلا باغچىسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى
خەنزۇچە نامى 姑墨农家乐园
قاراشلىق دۆۆلەت جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىقۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، ئاشخانا بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ھويلا-ئارام مەنزىرە رايونى. ئارامگاھ رايونىغا كىرگەندىلا دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكتات بارىڭىدا تەرخەمەك، ئاغىچە، كۆك پۇرچاق ياغاچ باراڭغا يامىشىپ كەتكەن؛ ئارامگاھ ئىچىدە كۆكتات، دەرەخلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈجمە، ئۆرۈك، شاپتۇل، چىلان، نەشپۈت، ئامۇت، ئۈزۈم، ئالما، ياڭاق، گىلاس، ئەنجۈر قاتارلىق نەچچە خىل تاماشا قىلىش ھەمدە تېرىش بازىسى بار بۇلۇپ، يېڭى پىشقان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈپ-يىيىش ئەركىنلىكى بار. ئۆزگىچە ياۋروپاچە تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى، ئەنئەنىۋى دېھقان ھويلىلىرى، ئەنئەنىۋى ياغاچ ئۆي ئەسلىھەلىرى تولۇق بۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىدا 8 مېتىر كېلىدىغان چوڭ كىگىز ئۆي (ئۆي ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ 30 ئادەم تاماق يىيىلەيدىغان چوڭ يۇمىلاق ئۈستەل)، فونتان، ئېقىن سۇ، گۈلخان قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. ئۈزۈم بارىڭى، كۆكەرتىلگەن يەر، چۆپلۈك، باغ يوللىرى زىننەتلەپ ياسالغان بۇلۇپ باغ ئىچى ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش، مال سېتىۋېلىشىغا بولىدىغان ياخشى جاي.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#