كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار

كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار

كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار بىر ئەسىرگە يېقىن بوران–چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۇچا قەدىمىي تۇرالغۇلىرىدىن ھازىرغىچە يۈز نەچچىسى مۇكەممەل ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇلا 36 غا يېتىدۇ. بۇ قەدىمىي تۇرالغۇلار نەپىس، پۇختا سېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن تىپىك ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا بىرلەشكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكمۇ نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇچادىكى قەدىمىي تۇرالغۇلار بىر ئەسىرگە يېقىن بوران–چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۇچا قەدىمىي تۇرالغۇلىرىدىن ھازىرغىچە يۈز نەچچىسى مۇكەممەل ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە كونا شەھەر رايونىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇلا 36 غا يېتىدۇ. بۇ قەدىمىي تۇرالغۇلار نەپىس، پۇختا سېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن تىپىك ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەكس ئېتىپلا قالماستىن، جۇڭگو بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز ئارا بىرلەشكەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكمۇ نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسى

خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسىخوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسى كۇچادىكى  تىپىك قەدىمىي تۇرالغۇ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۇرالغۇ كۇچا كوناشەھەر رايونىدىكى ئاقدەڭ مەھەللىسىگە جايلاشقان، بۇ قەدىمىي تۇرالغۇنىڭ ھازىرقى ئىگىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خوجا لوزۇڭنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد نىياز خوجا ئىكەن، 130 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي تۇرالغۇ 1847–يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇھەممەد نىياز خوجا مىنگو دەۋرىدە كۇچادا ئۆتكەن داڭلىق سودىگەر بولۇپ، ئەينى يىللىرى كۇچا، شايار، توقسۇ قاتارلىق جايلارنىڭ باج مۇپەتتىشى بولغان، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «خوجا لوزۇڭ»، تۇرالغۇسىنى «خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسى» دەپ ئاتىغان. 

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە، خوجا لوزۇڭ كۇچا، شايار، توقسۇ ناھىيەلىرىنىڭ مالىيە باج ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشتەك بۇ «كاتتا مەنسەپ» كە تايىنىپ تونۇلغان. 

بەزى ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، كۈن چىقىشقا قارىتىپ سېلىنغان خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسى 20 نەچچە مو يەرنى ئىگىلەيدىكەن، 20-ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن ئىلگىرى، خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى سودا كوچىسىغا قارىتىپ ئېچىلغان بولۇپ، سەككىز مېتىر كەڭلىكتىكى ئالدى دەرۋازىدىن تۆت ئات قوشۇلغان ھارۋا بىمالال كىرىپ چىقالايدىكەن.

خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، 20 نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى بىر ئاساسىي ئۆي كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۆينىڭ ئۆگزىسى، ئۆگزە قىرىغا نەقىش ئويۇلغان رەڭلىك گېپىس چاپلانغان بولۇپ، كارىدورغا ئەينى يىللاردا شەنشى رايونىدا مودا بولغان نەقىشلىك تۈۋرۈك قويۇلغان. ھازىر ساراي ئۆيدىن ئەينى يىللاردىكى ھەشەمەتلىك مەنزىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. جەنۇب، شىمالدىكى ئىككى ئۆيدە ئۆزگەرتىلگەن تام ئوچاق بولۇپ، بۇنداق ئوچاق 1900–يىلىدىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باي ئائىلىلەردە مودا بولغان. ئۆگزە قىرىغا چاپلانغان گېپىس تاختىلار بىلەن ياغاچ تاختىلار ئەينى چاغدىكى ئەتىۋارلىق بېزەك بۇيۇمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئارقا ھويلا نەپىس لايىھىلىنىشى بىلەن  ياتاق ئۆي، تۈۋرۈك، لىم بېزەكلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن. ھەتتا شىپاڭ پېشايۋىنىدىكى يامغۇر سۈيى ئاقىدىغان نودىن تارتىپ ئېسىل نەقىشلەنگەن ئىكەن.

خوجا لوزۇڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانلار، ئادەتتە، شىپاڭدا كۈتۈلىدىكەن، مېھمانلار ئارقا ھويلىدىكى گۈللۈك باغچىنى تاماشا قىلغاچ، ناخشا – ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىدىكەن. بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بېزەك رەسىملەر بولۇپ، جەنۇب تەرەپتىكى  ئۆيلەرگە ئەرەب ئۇسلۇبىدا سىزىلغان گۈل–گىياھ نۇسخىلىرى، شىمالدىكى ئۆيلەرگە مودەنگۈل بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى كىرىشتۈرۈلگەن نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ئىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ  تۇرالغۇ سېلىنغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەتتا چەت ئەللەردىن ئۇستىلار تەكلىپ قىلىنغان.

نىياز تۇرالغۇسى

نىياز تۇرالغۇسى خوجا لوزۇڭ تۇرالغۇسىغا يانداپ سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 200 كۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىكەن. تۇرالغۇنىڭ دەرۋازىسى كىچىكرەك، دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى تۆت مېتىرچە كېلىدىكەن. چوڭ دەرۋازا ناھايىتى ياخشى ساقلانغان. ئىشىكنىڭ سول قانىتىدا تۆت سانتىمېتىر كەڭلىكتە توساق بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئوڭ قانىتى بىلەن چىشلەشكەندىن كېيىن ئىشىك ھىم ئېتىلىدىكەن.

ھەربىر كورپۇس ئۆي ئۈچ ئېغىز پېشايۋانلىق بولۇپ، ئىشىكلىرى تۇتاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىكەن. پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىغا گىلەم سېلىنغان، يازدا مېھمانلار مۇشۇ يەردە ئۇزىتىلىدىكەن. ئوتتۇرىدىكى سەينا مەشرەپ ئوينايدىغان ئورۇن، شۇنداقلا يامغۇر سۈيى ئاقىدىغان جاي ئىكەن.

ھاجى تۇرالغۇسى

ھاجى تۇرالغۇسىھاجى قورۇسى خوجا لوزۇڭنىڭ تۇرالغۇسىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدىكەن.

ھاجى قورۇسىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇۋاھىت قازى بولۇپ، كىچىكىدە باشقىلارنىڭ پادىسىنى باققان، كېيىن ئۇ چارۋا مال سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن پۇل تاپقان، ئەمما ئۇ باشقىلاردەك ھەشەمەتلىك قورۇ جاي سالماي ياكى يەر سېتىۋالماي، مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلغان.

ھاجىنىڭ قورۇسىدىكى ئۆيلەر  ئېگىز سېلىنغان بولغاچقا، ھاۋا ياخشى  ئۆتۈشىدىكەن، كۈن نۇرىمۇ ئوبدان چۈشىدىكەن. بۇ ئۆيلەر كۆركەم ھەم ئازادە بولۇپ، شەكلى ياكى بېزىلىشى جەھەتتە بولسۇن، تىپىك ئەرەب ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئىكەن.

ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپى كەڭ پېشايۋانلىق بولۇپ، 1000 ئادەم سىغىدىكەن. بەزىلەر، ئۆي ئىگىسى مەشرەپ ئويناش ئۈچۈن، قورۇنى مۇشۇنداق كەڭ سالغان، دەپ پەرەز قىلىدىكەن.

ھاجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ھېلىھەم بۇ قورۇدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ھازىر بۇ قورۇ رېمونت قىلىنىپ، جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلگەن.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#