ئابدۇقەييۇم خوجا

ئابدۇقەييۇم خوجا

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا 1941-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن 1988-يىل 2-ئايدا «كاندىدات تەتقىقاتچى»، 1994-يىل 12-ئايدا «ئالىي تەتقىقاتچى» دېگەن كەسپىي ئۇنۋانلارنى ئالغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئابدۇقەييۇم خوجا
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1941-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى غۇلجا شەھىرى
كەسپى ئارخېئولوگ، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئابدۇقەييۇم خوجائارخېئولوگ، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا 1941-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرى دە تۇغۇلغان. 1949-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇنجى قارارلىق «شىنجاڭ ئارخېيولوگىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» غا ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئارخېيولوگىيە كەسپىگە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا يادىكارلىقلارنى قىدىرىپ تېپىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگە تونۇتۇش يولىدا نەچچە ئون يىل جاپالىق ئىشلەپ، قۇمۇل رايونىنىڭ ئاراتۈرك-نوم دېگەن ئەڭ چەت جايلىرىدىن تارتىپ تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ۋادىسى، لوپنۇر ۋادىسى، ئىلى ۋادىسى، ئالتاي-چۆچەك دالىلىرى، تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى جىلغىلىرىدىكى نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر مۇساپىدە ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ نەچچە ئون مىڭ خەتلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى يازغان، نۇرغۇنلىغان خەرىتىلەرنى سىزغان، سۈرەتلەرنى تارتقان …

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، تەتقىقاتچى ئابدۇقەييۇم خوجا ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن 1988-يىل 2-ئايدا «كاندىدات تەتقىقاتچى»، 1994-يىل 12-ئايدا «ئالىي تەتقىقاتچى» دېگەن كەسپىي ئۇنۋانلارنى ئالغان. ئۇ «جۇڭگو ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى»، «جۇڭگو مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى»، «جۇڭگو تۈركلوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى»، «جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقات جەمئىيىتى»، «جۇڭگو تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەمئىيىتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئابدۇقەييۇم خوجائارخېئولوگىيە ___ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن كۆپ تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇش، چوڭقۇر ئىزدىنىش، ئەستايىدىل ئىشلەش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن تەلەپچان ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا 60-يىللاردىن تارتىپ ئارخېيولوگىيە كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى، خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى توختاتمىغان. 1972-يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان «تەرجىمان يېتىشتۈرۈش كۇرسى» دا بىر يىل ئوقۇپ، خەنزۇ تىل-يېزىقى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. ئۇ 1977-يىل 1-ئايدىن 1980-يىل 1-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان «قەدىمكى تۈركىي تىل سىنىپى» دا ئوقۇپ، قەدىمكى تۈرك يېزىقى (ئورقۇن) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، تىلشۇناسلىق بىلىملىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى... قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن.

ئابدۇقەييۇم خوجا بېيجىڭدا چىقىدىغان «مەدەنىيەت ياردىكارلىقلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1962-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىمالىي شىنجاڭدىن تېپىلغان قىياتاش رەسىملىرى» ناملىق ماقالىسى بىلەن تەتقىقات سېپىگە كىرگەن. ئۇ 1979-يىلدىن ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تېمىسى ھەرخىل، چېتىلىدىغان تىل-يېزىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخېيولوگىيەسى، قەدىمكى تۈرك (ئورقۇن) مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى يازما يادىكارلىقلىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئابدۇقەييۇم خوجائابدۇقەييۇم خوجانىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپلەر بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان)، 1984-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان؛

2. «نىزارى داستانلىرى» نى تېيىپجان ئېلىيوف، مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدىن قاتارلىقلار بىلەن نەشرگە تەييارلىغان، 1985-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

3. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنى سەھنە ئەسىرى «مايتىرى سىمىت» نى ئەسلىي قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن، كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان، كىتاب 1987-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

4. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قول يازما يادىكارلىقلىرىدىن موللا سىدىق يەركەندىنىڭ «سەددىي ئىسكەندەرىي» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەشمىسى بىلەن ئىشلەپ نەشرگە تەييارلىغان، كىتاب 1995-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

5. «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان، بۇ كىتاب 1995-يىل 4-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان

6. «مۇھەببەتنامە مېھنەتكام» نى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغان، 1995-يىل 9-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

7. «مۇھەببەتنامە»نى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغان، 2004-يىل 6-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

8. «دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە»، 2009–يىلى 5–ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئاپتور ئۆزى قاتناشقان كۆپ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «قۇم ئاستىدا قالغان مەدەنىيەت» دېگەن چوڭ ھەجىملىك كىتابى نەشردىن چىققان.

ئابدۇقەييۇم خوجائابدۇقەييۇم خوجىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نەتىجىلەرنى باھالاشلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 

ئابدۇقەييۇم خوجا خېلى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بويىچە ئېچىلغان خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي يىغىنلارغا ماقالە تەييارلاپ قاتناشقاندىن تاشقىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى نىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئاسپىرانتلارغا تەكلىپكە بىنائەن لېكسىيە سۆزلىگەن، دەرس ئۆتكەن.

ئۇ يەنە 1986-يىل 3-ئايدىن 6-ئايغىچە «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» بىرىنچى تۈركۈم گۇرۇپپىسى بىلەن ياپونىيەنىڭ ناگاشىما شەھىرىدە خىزمەت ئۆتىدى. 1992-يىل 12-ئايدىن 1993-يىل 2-ئايغىچە «شىنجاڭ كروران مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئىككىنچى تۈركۈم كۆرگەزمە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ فۇكوكا (فۇگاڭ) شەھىرىدە خىزمەت ئۆتىدى. «شىنجاڭ كروران قىزى» نى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان.

كروران گۈزىلى ھەققىدە

كروران گۈزىلىكۆزگە كۆرۈنگەن ئارخېئولوگ، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ 1993-يىلى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلغان «قەدىمكى كروران گۈزىلى قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش جەريانى» ناملىق مەشھۇر تەتقىقات ماقالىسىدە كروران گۈزىلى ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن:

بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان «كروران گۈزىلى» نىڭ قەبرىسى 1980-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان. بۇ قەدىمكى قەبرە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى (يەنى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان ئېقىمى) بىلەن تىمەن دەرياسىنىڭ قولتۇقى (ئۈچ بۇرجەك ۋادىسى) غا توغرا كېلىدىغان بىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نىسپىي ئېگىزلىكى 7-8 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېگىزلىككە جايلاشقان قەدىمكى قەبرە قېزىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئابيومى تۆۋەندىكىدەك بولغان: لەھەت سوقىچاق تۆت چاسا قېزىلغان بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا، ئۇزۇنلۇقى 1.74 مېتىر، كەڭلىكى 0.7مېتىر. لەھەت ئىچىگە بىر ئايال يەنى (كروران گۈزىلى) نىڭ جەسىتى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پېتى دەپنە قىلىنغان. يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناھايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇلغان بىر خىل ئالاھىدە ياپقۇ يېپىلغان. ئايالنىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك يۇڭ يىپتىن قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما يۆگەلگەن. پۇتىغا بۇغا تېرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىرگۈزۈلگەن. ئايالنىڭ ئېڭىكى سەل ئۇچلۇق، كۆزلىرى يوغان ۋە چوڭقۇر، قاش-كىرپىكلىرى ئۇزۇن ۋە قويۇق، بۇرنى قاڭشارلىق ۋە ئىنچىكە، كالپۇكى نېپىز، چاچلىرى سۇس قوڭۇر بولۇپ مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئانالىز قىلىپ، جەسەتنىڭ 3800 يىل بۇرۇنقى جەسەتلىكىنى بېكىتتى. شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ 40-45 ياشلار ئەتراپىدا، بويى ئېگىزلىكى 152 سانتىمېتىر، قۇرۇپ قالغان جەسەتنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 10.7 كىلوگرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇندىن باشقا ئاناتومىيىلىك كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ قان تىپى O بولۇپ چىققان.[0]


پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەلپىدا ئۇچۇر تورى 

http://www.uchur.com/?act=view&id=5053

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#