بۇمبۇت بازىرى

بۇمبۇت بازىرى
بۇمبۇت بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى گە جايلاشقان، باغراش بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 6.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بۇمبۇت بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 75 كۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 本布图镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى
رايون نۇمۇرى 0996

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇمبۇت بازىرىبۇمبۇت بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى گە جايلاشقان، باغراش بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 6.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپىدە باغراش كۆلى، غەربتە قاراشەھەر ناھىيەسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق نەسىللىك چارۋا فېرمىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەرىپى يېزا ئىگىلىك 2-دېۋىزىيە 25 تۈەنى، شىمال تەرىپى تابانجۆكىن يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى 18.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 10.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 75 كۋادرات كىلومېتىر.


ھازىر قارىمىقىدا يەتتە مەمۇرىي كەنت بار بولۇپ، ماڭنەن چاغان كەنتى، شىنبۇخ كەنتى، جىگىسېن نۇر كەنتى، نايانتولغاي كەنتى، چولۇتى مۇغۇر كەنتى قاتارلىقلار. دېھقان-چارۋىچىلار ئاساسلىقى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، باغراش ناھىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى، بېلىقچىلىق، قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش رايونى بار.

بۇمبۇت بازىرىبۇمبۇت بازىرىنىڭ بايلىقى ئىنتايىن مول، باغراش كۆلى سۇ مەنبەسى بار، نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسى مول، سۈپىتى يۇقىرى، بىر قەدەر يۇقىرى ئېچىش قىممىتىگە ئىگە، ھازىر يىلىغا ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت 60 مىڭ توننىدىن يۇقىرى، قېزىش مىقدارى ھەر يىلى 100 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. سۇ ۋە چۆپلىرى مول، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ياۋا قومۇش بار، ئەۋزەل تەرەققىيات شارائىتىغا ئىگە. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#