Ubuntu

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

نامى Ubuntu
خەنزۇچە نامى 乌班图

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

UbuntuWindows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows  بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگەWindows  مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟

ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغان Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرى. 

Ubuntuكىشلەر Linux  نى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. Linux  نى ئاددىي قىلىپ ھەقسىز بولغان، ئەركىن تارقىتىلىدىغان Unix مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ھەمىشە تىلغا ئېلىنىدىغان Linux بولسا .GNU/Linux يەنى Linux يادروسى قوللىنىلغان GNU  مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux 1991-يىلى Linus Torvalds تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. Linux بولسا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى. بىر مۇكەممەل مەشغۇلات سىستېمىسىدا يادرولا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا نۇرغۇن شەخس ۋە ئورگانلار GNU/Linux ئاساسىغا قۇرۇلغان Linux  نۇسخىلىرىنى تارقىتىدۇ. 

Ubuntu دەل يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان GNU/Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر خىلى. ئۇنىڭ ئىسمى جەنۇبى ئافرىقا زۇلۇ تىلى ياكى خاۋسا تىلىدىكى «Ubuntu» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، مەنىسى «ئادىمىيلىك»، «باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەل مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم» دېگەن مەنىدە. ئۇ  ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشى بولۇپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيەسى» بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى

Ubuntu نىڭ ئىجادچىسى Mark Shuttleworth بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى Canonical شىركىتى Ubuntu تەرەققىياتىدىكى بارلىق چىقىملارنى دېگۈدەك ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.

UbuntuUbuntu پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، سىزنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز. ئۇ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەڭ يېڭى تېخنىكا، ئەڭ يېڭى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۈنۈملەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەھرىلەنگىلى بولىدۇ. 

Ubuntu ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە مۇلازىمېتىرلارغا ماس كېلىدۇ. مەيلى ئائىلىدە، ئىشخانىدا، ئۆگىنىشتە بۇلسۇن Ubuntu  دا ئىشلىتىشكە بولىدىغان قورال دېتاللار ھاجىتىمىزدىن تولۇق چىقالايدۇ. 

ناھايىتى زور ئەركىن يۇمشاق دېتال ئامبىرى بار.

Ubuntu ئىشلەتكەندە يۇمشاق دېتالدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. تېرمىنالدا بىر قۇر بۇيرۇق بىلەن ياكى Ubuntu يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ھەرقانداق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

PPA مەنبەسى ئارقىلىق، ئۇبۇنتۇ ئورگان مەنبەسىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ھەقسىز دېتاللارنى تاپقىلى بولىدۇ. 

ياردەم مەركىزى مەشغۇلاتىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.

Ubuntu دا مەشغۇلات قىلىش داۋامىدا قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ياردەم مەركىزىدىن جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. 

دۇنيادىكى ھەممە تىلنى دېگۈدەك قوللايدۇ.

سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچ قانداق خەت سىلىقلاش دېتالى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى نورمال كۆرسىتەلەيسىز.

ئۈستەل يۈزى ناھايىتى دوستانە.

ناھايىتى تولۇق ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى سەپلەنگەن.

Ubuntu نىڭ ئەڭ يېڭى 11.04 نۇسخىسىدىن باشلاپ سىستېمىغا LibreOffice  سەپلەنگەن بولۇپ، LibreOffice يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ، LibreOffice ئېلېكترونلۇق جەدۋەل، LibreOffice پرويېكسىيە، LibreOffice ماتېماتىكا، LibreOffic شەكىل سىزىش، LibreOffice ساندان قاتارلىق ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ____ 2011-يىللىق 2-سان

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    20%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    40%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    40%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#