سەئىدىيە دۆلىتى پادىشاھلىرىنىڭ يىلنامىلىرى

سەئىدىيە دۆلىتى پادىشاھلىرىنىڭ يىلنامىلىرى

سەئىدىيە خانلىقى 16-ئەسىرنىڭ باشىلىرى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن قۇرۇلغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىق بولۇپ، بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىمىزدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇلتان سەئىدخان 

سۇلتان سەئىدخان 1487-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21- كۈنى 27 يېشىدا سۇلتانلىقنى قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى 19 يىل . 1533-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 46 يېشىدا لاداقتىكى ئۇرۇشتا تۈتەكتە قىلىپ ۋاپات بولغان. مەقبىرەسى يەكەن خانلىق مازىرىدا.

سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 

 ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ( تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1533-يىلىدىن 1559-يىلىغىچە 26 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 1559–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) خوتەندىكى يەرلىك ۋەزىيەتنى تەكشۈرۈش سەپىرىدە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

سۇلتان ئابدۇلكەرىمخان 

ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى (تىغىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئۇ سەئىدىيە دۆلىتىنڭ سۇلتانلىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن سۇلتان بولۇپ، 1559-يىلىدىن 1591-يىلىغىچە 32 يىل تەخىتتە ئولتۇرغان. 1591–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ئىنىسى قۇرەيشخاننىڭ ھوقۇق تالىشىش سۈيقەستىدە بارچۇقتا ئۆلتۈرۈلگەن.

سۇلتان مۇھەممەدخان

سۇلتان مۇھەممەدخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ كەنجى ئوغۇللىرىدىن بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1591-يىلىدىن 1609-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر 18 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان.

سۇلتان ئەھمەدخان 

سۇلتان ئەھمەدخان سۇلتان مۇھەممەدخاننىڭ ئوغلى بولۇپ (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، 1609-يىلىدىن 1618-يىلىغىچە 9 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان بولۇپ، 1618 يىلى (ئاي كۈنى ئېنىق ئەمەس) بارچۇقتا ئەمىرلەر تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

سۇلتان ئابدۇللىتىپخان 

 ئۇ سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى بولۇپ، 1604–يىلى تۇغۇلغان. (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس ) 1618–يىلى 14 يېشىدا سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 1630-يىلىغىچە 12 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇ 1630 يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) 26 يېشىدا ۋاپات بولغان.

سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى 

ئۇ سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى. ( تۇغىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى 1630 يىلى سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 2 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلتان مەھمۇدخان ئۇرۇش قوزغاپ تەختنى تارتىۋالغان. 1635–يىلى (ئاي كۈنى ئېنىق ئەمەس) 3 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغان سۇلتان ماخمۇدخان سۈيقەستچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچى قايتا سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، 1638–يىلىغىچە سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغان. ئۇ، جەمى 5 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھنىڭ ئىسيانىدا مەغلۇپ بولۇپ، 1638–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) بەلخ تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.

سۇلتان مەھمۇدخان

ئۇ سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1632–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنىڭ (ئۆز ئاكىسىنىڭ) ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ، 1635–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنگە قەدەر 3 يىل سۇلتانلىق تەختىدە ھۆكۈم سۈرگەن.

سۇلتان ئابدۇللاخان

سۇلتان ئابدۇرەشىخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1638–يىلى سۇلتان ئەھمەدخان ئىككىنچىنى ئاغدۇرۇپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالغاندىن باشلاپ، 1667–يىلىغىچە 29 يىل سۇلتانلىق تەخىتدە ئولتۇرغان . سۇلتان ئابدۇللاخان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا بىر قەدەر ئىجتىمائى تۈزۈملەرنى كەڭەيتىپ، دۆلەت قۇرۇلمىسىدا تەقۋادارلىق، تەرىقەتچىلىك ئۇسۇلىنىمۇ يولغا قويۇپ، ئەلنى بىر مەزگىل مۇقىملىققا ئېرىشتغرگەن بولسىمۇ، ھاكىمىيەت قاتلىمىدا سۇپى تەرىقەتچىلىرى تەپرىقىگە بۆلۈنۈپ، ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق (ئەسلىدە ئاق تەقىيەلىك ۋە قارا تەقىيەلىك دېگەن بولۇپ، سۇپىلار شۇنداق تەقىيە دېيىلىدىغان باش كىيىمى كىيەتتى. ئۇلار نىڭ ھاكىمىيەتكە ئارلاشمايدىغان زاھىدلىرى قارا تەقىيە، ھاكىمىيەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئارلىىشىپ تۇرىدىغانلىرى ئاق تەقىيە بىلەن پەرقلىنەتتى. بۇ سۆزنى بۇزۇپ، ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق دەپ، مەزمۇنسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان) دەپ، ئىككى ئېقىمغا بۆلۈنۈپ، سۇلتان ئابدۇللاخان ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت بولىۋاتقان ئاق تاغلىق سۇپىلارغا قارشى قاتتىق قول بولغانلىقتىن، سۇپىلار سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئۆز ئوغلى يولۋاسخاننى ئىسيان قىلىشقا قۇتراتقان ۋە زور كۇچ بىلەن قوللىغان. ئىسيانغا تاقابىل تۇرالمىغان سۇلتان ئابدۇللاخان مەغلۇپ بولۇپ، 1667–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ھەجگە كېتىپ قايتا كەلمىگەن.

سۇلتان يولۋاسخان 

ئۇ سۇلتان ئابدۇللاخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن 1667-يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) دادىسى ئابدۇللاخان سۇلتاننى ئاغدۇرۇپ، سۇلتانلىق تەخىتگە چىققان. سۇلتان يولۋاسخان تەختكە چىقىپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆز پۇقراسى بولغان قارا تاغلىقلارغا قارشى قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، قاراتاغلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىسيانىدا 1670–يىلى (ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) ئۆلتۈرۈلگەن.

سۇلتان ئابدۇللىتىپخان ئىككىنچى

 ئۇ، سۇلتان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كىيىن، 1670-يىلى خانلىق تەخىتكە چىققان . لېكىن كۇچلۈك ئىسيانغا تاقابىل تۇرالماي، تەختكە چىقىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن قەشقەرگە قاچقان.

سۇلتان ئىسمائىلخان

سۇلتان ئابدۇلەتىپخان بىرىنچىنىڭ ئوغلى بولۇپ، (تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) 1670-يىلى، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سۇلتانلىق تەختىگە چىققان. سۇلتان ئىسمائىل خان ئۆزىنىڭ تەخىتكە چىقىشىغا ياردەمدە بولغان قارا تاغلىق سۇپى، غوجىلارغا يۇقىرى مەنسەپ تەقدىم قىلغان ۋە سۇلتان يولۋاسىاننىڭ قەشقەرگە يوشۇرۇنغان ئەۋلادلىرىنى قەتلىئام قىلغان. ھەمدە ئاق تاغلىق سۇپى، ئىشان، غوجىلارنىڭ ئۈستىدىن ئاممىۋى جازالاش يۈرگۈزگەن. سۇلتان ئىسمائىل خاننىڭ جازا تورىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ، ئاق تاغلىق سۇپى ، ئىشانلارنىڭ سەردارى ھىدەيتۇللا مەمەت ئاپاق غوجا تىبەتكە بېرىپ، دالاي لاما بەشىنچىگە بەيئەت قىلغان. ئۇ، دالاي لامانىڭ يارلىقىنى ئېلىپ، سەئىدىيە تۇپرىقىنىڭ شىمالىنى بېسىپ ياتقان قالماقلارنىڭ سەردارى غالداننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. قالماق سەردارى غالدان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، يۈزمىڭلىغان ئاتلىق قوشۇن بىلەن 1680-يىلى ( ئاي، كۈنى ئېنىق ئەمەس) سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى يەكەنگە باستۇرۇپ كەلگەن. غالدان باشچىلىقىدىكى قالماق قوشۇنلىرى ئاپاق غوجىنىڭ ئىشان، سۇپى لەشكەرلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىن ھەمكارلىشىشى بىلەن، سەئىدىيە ئۇيغۇر سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، 1680–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن دۆلەتنى ئاپاق غوجىنىڭ قورچاق پادىشاھ بولۇپ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن 166 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە ئۇيغۇر دۆلىتى غۇللاپ چۈشۈپ، تارىخقا ئايلاندى.

ئاپاق خوجا 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. ئۇ سۈرگۈندىكى ئىشان مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىنىڭ ئوغلى. ئۇ 1680–يىلىدىن 1694– يىلىغىچە 14 يىل قورچاق پادىشاھ بولۇپ، 68 يېشىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئاكادىمىيە تورىدىن ئېلىندى

http://www.akademiye.org/ug/?p=5640

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#