شو يۈسۈپ

شو يۈسۈپ

شو يۈسۈپ، 1914-يىلى قومۇل شەھىرى دە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى شو يۈسۈپ
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1914-يىلى
كەسپى سودىگەر
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قومۇل شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شو يۈسۈپ، 1914-يىلى قومۇل شەھىرى دە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

1928-يىللار ئەتراپىدا دادىسىغا ئەگىشىپ گۇچۇڭ، باركۆل قاتارلىق جايلاردا سودىگەرچىلىك قىلغان. بار كۆلدە ئۈچ يىل قاسساپلىق قىلغان. كېيىنچە ئۆز ئالدىغا سودىگەرچىلىك قىلغان.

1940-يىلى ئۇ باركۆلدە ناھىيەلىك ئۇيغۇر، قازاق مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلىنىپ، باركۆل ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ كومپارتىيىنى، خەلق ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىدىغان، قومۇل غالىبىيەت بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى، گەزمالچى كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىر ئەزاسى بولغان.

1953-يىلى قۇمۇل سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆلكىلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قۇمۇل ماددىي ئەشيا ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن ئۈرۈمچى دە ئېچىلغان يىغىنىغا قاتناشقان.

1952-يىلىدىكى يەر ئىسلاھاتىدا ئۇ ئۆي-زېمىنلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېھقانلار ئۇيۇشمىسىغا تاپشۇرغان ۋە يەرلىرىنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن.

1956-يىلى 2-ئايدا قومۇلدا كاپىتالىستىك سودا-سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغاندا، ئۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، 140 مىڭ يۈەنلىك مال-مۈلكى ۋە مەبلىغى بىلەن ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلارنىڭ شېرىكچىلىكىگە قاتناشقان ھەمدە قومۇل تۈرلۈك ماللار بىرلەشمە باش دۇكىنىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان.

1961-يىلى 11-ئايدا قومۇل تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان.

1966-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ ئائىلە تەئەللۇقاتلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قومۇل ناھىيەسىنىڭ قارا دۆۋە يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن.

1977-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋىلايەتلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۇنىڭ نامى ۋە مائاش تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە پەزەنتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ، ئائىلىسىدە دەم ئالغان.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئەخمەت ھەمدۇللانىڭ «قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#