سىنەم كوبال

سىنەم كوبال

سىنەم كوبال، 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان. تۈرك كىنو، تىياتىر، ئېلان ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سىنەم كوبال
دۆلەت تەۋەلىكى تۈركىيە
يۇرتى ئىستانبۇل
كەسپى ئارتىس
باشقا نامى Sinem Kobal
مىللىتى تۈرۈك
تۇغۇلغان ۋاقتى 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈرك كىنو، تىياتىر، ئېلان ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى چولپىنى سىنەم كوبال، 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىستانبۇل دا تۇغۇلغان. دادىسى قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى، ئاپىسى بولسا ئائىلە ئايالى. ئۇنىڭ سەلەنا ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ باققان كېرەم ئىسىملىك بىر ئىنىسى بار.

4 ياش ۋاقتىدا يۇلتۇز ئالپەر بالېت مەكتىپىدە باشلىغان بالېت تەربىيىسىنى 8 يىل داۋاملاشتۇرغان. رېيال ئاكادىمىيسىدىن دىپلوم ئالغان.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى بىر شەخسىي ئىگىلىكتىكى مەكتەپتە ئوقۇغان بولۇپ، 2001-يىلى تاماملىغان.

دەرسلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان سىنەم كوبال تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، مەكتەپنىڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپ، ئۇ قاتناشقان كوماندا ئىستانبۇلدا 1-بولغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇ قاتناشقان ۋالىبول كوماندىسى ئىككىنچىلىك ۋە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ھازىرمۇ تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋام قىلماقتا. ئۇ پۇتبول كوماندىلىرىدىن فەنەر باغچا كوماندىسىنىڭ قوللىغۇچىسىدۇر.

داڭلىق تىياتىر ئۇستىسى ھالدۇن دورمەننىڭ دورمەن تىياتىر مەكتىپىدە سىرتتىن تەربىيە ئالغان ۋە روللارغا چىققان. كېيىن بەھزات ئۇيغۇر تىياتىر كۇلۇبىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن.

سىنەم كوبال بەكەنت ئۇنىۋېرستېتى گۈزەل سەنئەتلەر فاكۇلىتېتى سەھنە ۋە ئورۇنداش سەنئىتى كەسپىدە ئوقۇغان.

ئۇ سەلەنا ئىسىملىك بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش پېرسوناژ سەلەنانىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ياخشى جانلاندۇرغان بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ ياقتۇرۇلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۇ چاغدا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باش رولىنى ئالغان سىنەم كوبال ئەڭ ياقتۇرۇلغان تۈرك ئايال ئارتىس بولۇپ تاللانغان.

ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، ئېلانلار، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنو-فىلىملەردە رول ئالغان ۋە داۋام قىلماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#