ئونباش مىس تاۋلاش خارابىسى

ئونباش مىس تاۋلاش خارابىسى

ئونباش مىس تاۋلاش خارابىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى دىكى باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسى دىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مۇزات دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى پەلەمپەيگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئونباش مىس تاۋلاش خارابىسى
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
رايون تەۋەلىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى ئومباش يېزىسى
چوڭقۇرلىقى 1.5 مېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئونباش مىس تاۋلاش خارابىسى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى دىكى باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسى دىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مۇزات دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى پەلەمپەيگە جايلاشقان. ئۇنىڭ جەنۇبىي چۆلتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى بىلەن قوشنا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بىر جىرا ئۇنى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغان.

مەدەنىيەت قاتلاملىرى يەر ئاستىغا تەخمىنەن 1.5 مېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، داشقال دۆۋىسى ئاساس قىلىنغان. يەنە قىزىل توپا، مىس كان تېشى، ياغاچ كۆمۈر، پارچىلىنىپ كەتكەن ئوچاق، كۈسەن خانلىقىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار بايقالغان. داشقاللار قىزىليار جىلغىسى مىس ئېرىتىش خارابىسىدىكى داشقاللارغا ئوخشايدۇ، بەزى داشقاللارنىڭ يەنە كېۋېند مىس ئېرىتىش خارابىسىدىكى داشقاللارغا ئوخشايدىغانلىقىغا، بۇ خارابىلىقنىڭ دەۋرىنىڭ ئاساسەن ناھايىتى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خارابىلىقنىڭ يەر يۈزىدە دەۋر بۆلگۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئاز، ئەمما خارابىلىقنىڭ كۈسەن خانلىقىنىڭ كىچىك مىس پۇللىرى قۇيۇپ ئوبوروت قىلىنغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.[0]

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#