ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ

ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ

ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ، 1978-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻧﭽﺎﯓ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ
باشقا نامى Deng Chao
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1978-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ
بوي ئېگىزلىكى 180cm
خەنزۇچە ئاتىلىشى 邓超
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻧﭽﺎﯓ ﺷﻪﮪﯩﺮى
يۇلتۇز تۈركۈمى سۇ بوتۇلكىسى يۇلتۇز تۈركىمى
بەدەن ئېغىرلىقى 72kg

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ، 1978-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﻧﭽﺎﯓ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ. 1995-يىلى ئىمتىھان بېرىپ جياڭشى سەنئەت كەسپىي ئىنستىتۇتى دىراما سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان، 1998-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىدا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو دۆلەت تىياتىرخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان. 2002-يىلى «كىچىك بەگزادە» دېگەن فىلىمدە شۈنجى پادىشاھنىڭ رولىنى ئېلىپ نام چىقارغان.

2009-يىلى 10-ئايدا، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 8-ئايدا، 33-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى 9-ئايدا، 29-نۆۋەتلىك ئاممىۋى فىلىم بەيخۇا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 10-ئايدا، 52-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 4-ئايدا، 30-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 6-ئايدا، 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي خەلقئارا كىنو بايرىمى − ئالتۇن جام مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى 3-ئايدا، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو رېژىسسورى جەمئىيىتى يىللىق ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 4-ئايدا، 1-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئارتىسى ئوبرازى تىزىملىك ياش ئارتىس ئوبرازىنى مىتال تىزىملىكىگە كىرگەن.

2013-يىلى 11-ئايدا، 10-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىنو فېستىۋالى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا، ئەڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 8-ئايدا، 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 4-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك بېيجىڭ كىنو مۇراسىمى ئەڭ ئالقىشقا ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2007-يىلى 6-ئايدا، 3-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى بوران-چاپقۇن مۇراسىمى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 12-ئايدا، 15-نۆۋەتلىك جېجىياڭ تېلىۋىزىيەسى مودەن مۇكاپاتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﺳﯜﻥ ﻟﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ «ﺑﻪﺧﺖ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ»ﺩﺍ ﺭﻭﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، 2005-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.

2010-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ (ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ) ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﺧﯧﺘﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، 2011-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.

2011-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2012-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 10 ﺋﺎﻱ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺩﯦﯔ ﭼﺎﯞ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ئوغلى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، قىزى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#