دۇربۇن

دۇربۇن يىراقتىكى نىشاننى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان ئۈسكۈنە.

ئۇيغۇرچە نامى دۇربۇن
خەنزۇچە نامى 望远镜

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇربۇن يىراقتىكى نىشاننى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان ئۈسكۈنە بولۇپ، دۇربۇن ياساش پاتېنتىغا گوللاندىيىلىك ئوپتىك ئۈسكۈنە سودىگىرى خانىس لىپپىرشى تۇنجى بولۇپ ئېرىشكەن، 1608-يىلى بۇ تۈر بويىچە پاتېنت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

لىپپىرشى نۇرغۇن دۇربۇن ياساپ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە سېتىپ بەرگەن. دېڭىزچىلار دۇربۇننىڭ دېڭىز سەپىرىدىكى رولىنى تونۇپ يەتكەندە دۇربۇن ھەربىي ئىشلار ۋە دېڭىز قاتنىشىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.

17-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ياۋروپادا ئوپتىك دۇربۇن ئىجاد قىلىنغان. ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن 1609-يىلى ئۆز ئالدىغا بىر دۇربۇب ياسىغان. ئۇ دۇربۇن لايىھىسىنى تېخىمۇ ياخشىلىغان ھەمدە يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان دۇربۇن (يەنى تېلېسكوپ) ياساپ چىققان.

گالىلېي ئۆزى ياسىغان دۇربۇن ئارقىلىق ھەيران قالارلىق بايقاشلارغا ئېرىشكەن. ئۇ دۇربۇن ئارقىلىق قۇياش، ۋېنېرا، يۇپىتېر، سۈنئىي ھەمراھلار ھەمدە باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالەم تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئېنىق تۇيۇلغان. گالىلېي دەۋرىدىن باشلاپ دۇربۇن (يەنى تېلېسكوپ) ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈسكۈنىگە ئايلانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    66.7%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#