زىمبابۋې

زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى

زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى (Republic of Zimbabwe) قىسقارتىلىپ زىمبابۋې دىيىلىدۇ. يەر مەيدانى جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە باراۋەر كەلسىمۇ، ئەمما نوپۇسى 133 مىليون ئەتراپىدا بولغان بۇ سىرلىق دۆلەتتە دۇنيا ۋە ئافرىقا بويىچە نۇرغۇن «ئەڭ» لار مەۋجۇت. زىمبابۋې پايتەختى خارارىدا ئېگىز بىنالارمۇ خېلى كۆپ.

زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى
ئۇيغۇرچە نامى زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى زىمبابۋې 津巴布韦
ۋاقىت رايونى UTC+2
دۆلەت شېئىرى 神圣的津巴布韦土地
سىياسى تۈزۈلمىسى يېرىم زۇڭتۇڭلۇق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 津巴布韦共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئافرىقا قىتئەسى
پايتەختى خارارى 哈拉雷(Harare)
دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى، شونا تىلى، ندېبېلى تىلى
نوپۇسى 15 مىليون 600 مىڭ 200 ئادەم (2015-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتىئافرىقا بىر سىرلىق زېمىن، مۇشۇ سىرلىق زېمىندا يەنە بىر ئىنتايىن سىرلىق جاي بار، ئۇ دۆلەت دەل زىمبابۋې بولىدۇ. يەر مەيدانى جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىگە باراۋەر كەلسىمۇ، ئەمما نوپۇسى 15 مىليون ئەتراپىدا بولغان بۇ سىرلىق دۆلەتتە دۇنيا ۋە ئافرىقا بويىچە نۇرغۇن «ئەڭ» لار مەۋجۇت. زىمبابۋې پايتەختى خارارىدا ئېگىز بىنالارمۇ خېلى كۆپ.

زىمبابۋې مەركىزىي بانكىسى ئىلگىرى دۇنيادىكى «نۆل» رەقىمى ئەڭ كۆپ قەغەز پۇل ___ 100 تىرىليون (14 نۆل بار) زىمبابۋې پۇلىنى تارقاتقان. 

زىمبابۋې جۇمھۇرىيىتىزىمبابۋې چېگرىسى ئىچىنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىر ئەتراپىدا بولپ، كىلىماتى كىشىگە بەكمۇ ياقىدۇ. پايتەختى  خارارىنىڭ تۆت پەسلى باھاردەك بولۇپ، «گۈل شەھىرى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، يەنە دۇنيادىكى كىلىماتى ئادەمگە ئاجايىپ ياقىدىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالغان. ئەنگلىيەلىكلەر زىمبابۋېغا 100 يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە نۇرغۇن بايلىقنى شۈلۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار زىمبابۋېغا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىنگلىز ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى، مۇراسىملارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. 

زىمبابۋېنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل بولۇپ، ئەڭ داڭلىق بولغىنى زامبىيە بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغان ۋېكتورىيە چوڭ شارقىراتمىسىدىن ئىبارەت. شارقىراتمىنىڭ كەڭلىكى 1.7 كىلومېتىر، ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 108 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ شارقىراتمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شارقىراتمىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر تەبىئىي شەكىللەنگەن ئالۋاستى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار بولۇپ، تاشقىن مەزگىلىدە شىددەتلىك ئېقىن بېگموتلارنىمۇ شارقىراتمىغا چۈشۈرۈۋېتەلەيدۇ. شۇڭا ساياھەتچىلەر ھەر يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان مەزگىلىدىكى سۇ تارتىلىش مەزگىلىدىلا شارقىراتمىنىڭ ئۈستىدىكە سۇ ئۈزۈشنى ھۇزۇرنى ھېس قىلالايدۇ. 

زىمبابۋې دۇنيادىكى ئافرىقا پىلى مەركەزلەرنىڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت چېگرىسى ئىچىدە 8000 دىن 10 مىڭغىچە پىل بار.  زىمبابۋېدىكى بىر قىسىم خۇسۇسىي ھايۋانات قوغداش رايونلىرى ئىچىدە، پىل بىلەن ئالاقىدار پائالىيەتلەر ئىنتايىن ئالقىشلىنىدۇ.

زىمبابۋې ھەققىدە گەپ بولغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ «قېرى» زۇڭتۇڭ ___ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇگابېنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. مۇگابې 1924-يىلى 22-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، داڭلىق ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى، ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۈرتكە بولغۇچى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى.

1987-يىلى مۇگابې زۇڭتۇڭ بولغاندىن باشلاپ، كېيىن ئۇدا زۇڭتۇڭ بولغان، بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاساسىي قانۇن بويىچە 2018-يىلى ئاخىرلىشاتتى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ 99 ياشقىچە زۇڭتۇڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#