ئىلېكس دەرىخى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئىلېكس دەرىخى ()
  2. ئىلېكس دەرىخى (دەرەخنىڭ بىر تۈرى)

ئىلېكس دەرىخى

ئىلېكس دەرىخى
ئىلېكس دەرىخى سۆسۈن گۈللۈك ئىلېكس ۋە قىزىل ئىلېكس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى20 -−30 مېتىرغا يېتىدۇ، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى كۆكۈچ كۈل رەڭ. جياڭسۇ-جېجياڭ تەرەپلەردە بۇرجۇننىمۇ ئىلېكس دەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىلېكس دەرىخى
باشقا نامى 冻青، Holly,ilex,Chinese ilex
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركىمى ساپىنىدا تۈركىمى
خەنزۇچە ئىسمى 冬青
لاتىچە ئىلمى نامى Ilex chinensis Sims
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
كەنجى سىنىپى ئارخىخلامىدالار كەنجى سىنىپى
كەنجى تۈركىمى جىن چاتقىلى كەنجى تۈركىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلېكس دەرىخى  سۆسۈن گۈللۈك ئىلېكس ۋە قىزىل ئىلېكس دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  ئېگىزلىكى20 -−30 مېتىرغا يېتىدۇ، دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى كۆكۈچ كۈل رەڭ. جياڭسۇ-جېجياڭ تەرەپلەردە بۇرجۇننىمۇ ئىلېكس دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ، بۇلار ئىككىسى ئوخشىمىغان ئائىلىدىكى ئۆسۈملۈك. بۇرجۇن ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدە بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى ئاران 6 مېتىر كېلىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئىلېكسنىڭ يوپۇرمىقى تار ھەم ئۇزۇن، ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق-ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە، گۈلى سۇس بېغىررەڭلىك، گۈلى كىچىك، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى؛ بۇرجۇننىڭ يوپۇرمىقى بولسا تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇدۇل ئۆسىدۇ. باش يازدا ئاق رەڭلىك چېچەكلەيدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى. 

ئۇ ئىلېكس ئائىلىسىگە كىرىدىغان دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ 

ئىلېكس دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى باراقسان، زىچ، دەرەخ شەكلى رەتلىك بولۇپ، تارىختىن بۇيان شەھەر-يېزىلارنى كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكى ۋە ھويلا-ئارام، باغچىلاردىكى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىپ كەلگەن. 

ھويلا-ئارام، باغچىلارنى كۆكەرتىش ۋە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ياغىچى قاتتىق ھەم پۇختا بولۇپ، نەپىس بۇيۇملارنى ئىشلەش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ئىلېكس يوپۇرمىقى، يىلتىزى، قوۋزىقى دورا قىلىنىدۇ، تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق، قاننى سوۋۇتۇپ قان توختىتىش، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئىلېكس يوپۇرمىقى تەركىبىدە پروتوكا تېخۇئىك كىسلاتا بار بولۇپ، مىكروبلارنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. ئىلېكس يەنە گۈڭگۈرت تۆت  ئوكسىد قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تاقابىلچانلىققا ئىگە.

ئىلېكس دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارالغان. 

مەملىكىتىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى جېجياڭنىڭ باش دىۋانى شۇسىما پەرمان چۈشۈرۈپ خاڭجۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىشىك ئالدىلىرىغا پۈتۈنلەي ئىلېكس دەرىخى تىكىشكە بۇيرۇغان. نەچچە يىلدىن كېيىن، كوچىلار بۈك-باراقسان، ياپيېشىللىققا تولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى پايدىسىنى كۆرگەن. قەدىمكىلەر ئىلېكس كۆچەتلىرىنى تۈز رەتلەپ تىكىپ ئۆستۈرۈپ «ئىلېكس تام» دەپ ئاتىغان. ئۇ ھازىرقى كىشىلەر ئېيتىۋاتقان «يېشىل چىتلاق» تۇر. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#