ئۆسۈملۈكتىكى «سۇ پومپىسى»

يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ يىلتىز سىستېمىسى بولۇپ، ئادەتتە ئۇ يەر ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، بۇغداي يىلتىزىنىڭ يەرگە چوڭقۇرلاپ ئۆسۈشى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئالما دەرىخىنىڭ يىلتىز سىستېمىسى گورىزونتال يۆنىلىش بويىچە 27 مېتىر يىراقلىققىچە ئەتراپقا يېيىلىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەر تۇپراقنىڭ كۆپ جايلىرىدىن سۇ سۈمۈرەلەيدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكا قىتئەسىدە «گىگانت شەمشاد» دەپ ئاتىلىدىغان غايەت زور بىر تۈپ شەمشاد دەرىخى بار بولۇپ، ئۇنىڭ دەرەخ تاجسى(باراقسىنى) ناھايىتى چوڭ، دەرەخ غولىنىڭ ئېگىزلىكى 100 نەچچە مېتىردىن ئاشىدۇ. قانداق كۈچ تۇپراقتىكى سۇنى 100 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئۆسۈملۈكلەردە سۇ سۈمۈرىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدار بولىدۇ. 

يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ يىلتىز سىستېمىسى بولۇپ، ئادەتتە ئۇ يەر ئۈستىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، بۇغداي يىلتىزىنىڭ يەرگە چوڭقۇرلاپ ئۆسۈشى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئالما دەرىخىنىڭ يىلتىز سىستېمىسى گورىزونتال يۆنىلىش بويىچە 27 مېتىر يىراقلىققىچە ئەتراپقا يېيىلىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەر تۇپراقنىڭ كۆپ جايلىرىدىن سۇ سۈمۈرەلەيدۇ. 

يىلتىزنىڭ ئەڭ كۆپ سۇ سۈمۈرىدىغان يېرى يىلتىز تۈكچىلىرى مەركەزلەشكەن يىلتىز تۈكلۈك قىسمىدۇر. يىلتىزدىكى ئىنچىكە يىلتىز ئۇچىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە يىلتىز تۈكچىلىرى قويۇق ئۆسىدىغان كىچىك بىر بۆلىكى بولىدۇ. ھەربىر تال يىلتىز تۈكچىسى يىلتىز تۈكلۈك قىسمىدىكى ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرى سىرتقى پوستىنىڭ بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ، ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن يىلتىز تۈكچىلىرى تۇپراق دانچىلىرىگە زىچ يېپىشىپ تۇرىدۇ. يىلتىز تۈكچىلىرىنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر تۈپ قارا بۇغداينىڭ تەخمىنەن4 مىليارد تال يىلتىز تۈكچىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى9000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلتىزنىڭ سۈمۈرۈش كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ. 

ھەربىر يىلتىز تۈكچە ھۈجەيرىسى سۇ سۈمۈرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىك بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسىدا پەيدا بولىدىغان غايەت زور سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئىككى خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتىن ئايرىلالمايدۇ. بىرخىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يىلتىز بېسىمى بولۇپ، بۇ يىلتىزنىڭ سۇ سۈمۈرىدىغان تۆۋەنكى ئۇچىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. تىرىك يىلتىزنىڭ ئاكتىپ سۇ سۈمۈرۈش ھەمدە سۇنى يۇقىرىغا ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى يىلتىز بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. يىلتىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئىنچىكە ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئانئورگانىك تۇز ئېرىتمىلىرى بولىدۇ. بۇ ئېرىتمىلەرنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرىراق بولغاندا ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر ئەتراپىدىكى ھۈجەيرىلەردىن سۇ سۈمۈرىدۇ، ئەتراپىدىكى سۇ يوقاتقان ھۈجەيرىلەر بولسا ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان باشقا ھۈجەيرىلەردىن سۇ سۈمۈرىدۇ، بۇ ھال يىلتىز تۈكچىلىرىنىڭ تۇپراقتىكى سۇنى سۈمۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يىلتىز بېسىمى2 −3 ئاتموسفېرا بېسىمىغا يەتكەندە، يىلتىزلارنىڭ ئاكتىپ سۇ سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، سۇنىڭ غول ئارقىلىق يوپۇرماق ۋە پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىگە بېرىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پارلىنىشنىڭ تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بوشلۇقتىكى يوپۇرماقلىرى ئۈزلۈكسىز پارلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىدىكى سۇنى يوقىتىپ تۇرىدۇ. سۇ يوقاتقان بۇ يوپۇرماقلار بولسا شاخلاردىن سۇ سۈمۈرىدۇ. شاخلار بولسا غولدىن سۇ سۈمۈرىدۇ، يەنى ۋاسىتىلىك ھالدا يىلتىزدىن سۇ سۈمۈرىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ خۇددى دەرەخنىڭ ئۇچى قىسمىغا ئورنىتىلغان «سۇ پومپىسى» نىڭ سۇ تارتىپ چىقارغىنىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، بۇ «سۇ پومپىسى» نىڭ رولى پارلىنىشنىڭ تارتىش كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. پارلىنىشنىڭ تارتىش كۈچى10 نەچچە ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ چوڭ سۇ پومپىسىنىڭ تارتىش كۈچىدىن10 نەچچە ھەسسە چوڭ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#