ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ئۆزىنى قوغدىشى» دىكى سىر

بەزى ئۆسۈملۈكلەر ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇلاردا «ئۆزىنى قوغدايدىغان» خىمىيىلىك قورال پەيدا بولىدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەزى ئۆسۈملۈكلەر ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۇلاردا «ئۆزىنى قوغدايدىغان» خىمىيىلىك قورال پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئالىملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.

تەتقىقات 

دۇب دەرىخى1981 -يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى10 مىليون ئىنگلىز موسى كېلىدىغان دۇب دەرىخى ئورمىنىدا پورتېترىيە پەرۋانىسى يامراپ، دۇب دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى، ئىككىنچى يىلى بۇ جايدا پورتېترىيە پەرۋانىلىرى توساتتىن غايىب بولۇپ، دۇب دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرمىقى قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇ قانداق ئىش؟ ئورمانچىلىق ئالىملىرى دۇب دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىدىكى ئۆزگىرىشنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق سىرنى بايقىغان، پورتېترىيە پەرۋانىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ئىلگىرى دۇب دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە تاننىن ماددىسىنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ، دەرەخ پەرۋانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ ماددا كۆپىيىپ كەتكەن. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاننىن بولغان يوپۇرماقنى يېگەندىن كېيىن پەرۋانىلەر بىئارام بولغان، ھەرىكىتىمۇ ئاستىلىغان، بۇ خىل ئەھۋال تاننىن بىلەن پەرۋانە ئاشقازىنىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋانىلەر كېسەل بولۇپ ئۆلگەن ياكى قۇشلارغا يەم بولغان. 

دۇب دەرىخىنىڭ «ئۆزىنى قوغداش» ئارقىلىق پورتېترىيە پەرۋانىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئاجايىپ ۋەقە كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىپتىدائىي ئورمانلىقىدىكى ئۆزىنى قوغداش جېڭىنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى چاغدا، نۇرغۇن ياۋا توشقان ئورمانغا تەھدىت سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەڭ دائىرىدىكى ئورمان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. كىشىلەر ياۋا توشقانغا ئامال قىلالمايۋاتقاندا، توشقانلار توپى توساتتىن كېسەللىككە گىرىپتار بولىدۇ، ئاخىرىدا ئورماندىن يوقىلىدۇ. ئالىملار ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ياۋا توشقانلار يېگەن يوپۇرماق بىخىنىڭ تەركىبىدە «تېرپېن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بارلىقىنى، توشقانلار ئۇنى يېگەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. 

ئىزدىنىش

كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، ئۆسۈملۈكلەردە تۇيغۇ بولامدۇ؟ ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلار ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ «ئۆزىنى قوغدايدىغان» خىمىيىلىك قورال ئىشلەپچىقىرالايدۇ؟ كەڭ دائىرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر زىيانداش ھاشاراتلارغا ئوخشاش بىر خىل قورال بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزئارا قانداق «ئالاقە» لىشىپ، ئورتاق «كېلىشىم» ھاسىل قىلىدۇ؟ بۇ سىرلار ئالىملارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىنى كۈتمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#