فوتوسىنتېز

قۇياشتا پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەۋجۇت. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇ قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى گلۇكوزىغا، گلۇكوزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراخمال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ فوتوسىنتېز دېيىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى فوتوسىنتېز
باشقا نامى Photosynthesis
خەنزۇچە ئىسمى 光合作用

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارلىق جانلىقلار ئۆسۈپ چوڭىيىشتا قۇياشقا تايىنىدۇ. يېشىل ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ چوڭىيىشتا بولسا قۇياش نۇرىغا تېخىمۇ موھتاج. تەشتەكتىكى گۈل دېرىزىنىڭ يېنىغا ئۇزاق ۋاقىت قويۇپ قويۇلسا، ئۇنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى ھامان قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان دېرىزە سىرتىغا قاراپ قىيسىيىپ ئۆسىدۇ.

قۇياشتا پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەۋجۇت. يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدارى بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالايدۇ. يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېشىل يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرى ئاستىدا كاربون تۆت ئوكسىد ۋە سۇ قاتارلىق ئانئورگانىك ماددىلارنى گلۇكوزىغا، گلۇكوزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراخمال قاتارلىق ئورگانىك ماددىلارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ فوتوسىنتېز دېيىلىدۇ.

فوتوسىنتېز يوپۇرماق ئەت ھۈجەيرىلىرى ياكى يۇمران غول يۈزىدىكى ھۈجەيرىلەردە خلوروپلاست ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدىغان ھۈجەيرىلەر خۇددى ئورگانىك ماددا ياسايدىغان زاۋۇتقىلا ئوخشايدۇ، يەنى زاۋۇتنىڭ خام ئەشياسى يىلتىزدىن سۈمۈرۈلگەن سۇ بىلەن ھاۋا تۆشۈكچىلىرىدىن سۈمۈرۈلگەن كاربون تۆت ئوكسىد بولۇپ، ياسالغان مەھسۇلات گلۇكوزا بىلەن قوشۇمچە مەھسۇلات ئوكسىگېندىن ئىبارەت. خلوروپلاستنى زاۋۇتنىڭ ماشىنىلىرىغا، يورۇقلۇقنى زاۋۇتنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. فوتوسىنتېز جەريانىنى ئاددىي ھالدا تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ:

12H2O+6CO2+阳光→C6H12O6(葡萄糖)+6O2+6H2O

يەر شارىدا ھەر يىلى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق ياسايدىغان ئورگانىك ماددىلار تەخمىنەن 440 مىليارد توننىغا يېتىدۇ. بۇ ئورگانىك ماددىلاردا ساقلىنىدىغان ئېنېرگىيە بولسا سەنمىنشيا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدەك 240 مىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى چىقىرىدىغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە تەڭ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، تەخمىنەن 470 مىليارد توننا ئوكسىگېن قويۇپ بېرىلىپ، جانلىقلارنىڭ نەپەسلىنىشىنى تەمىنلەيدۇ ھەمدە يەر شارىدا ئوكسىگېننىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

فوتوسىنتېز ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇ يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيە بىلەن قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. 

يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيە 

يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە خلوروپلاست ئىچىدىكى خلوروفىل يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، سۇنى پارچىلاپ ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن ھاسىل قىلىدۇ، ھىدروگېن ئىشلىتىلىشنى كۈتۈپ ۋاقتىنچە ساقلىنىدۇ، ئوكسىگېن بولسا ھاۋا تۆشۈكچىسى ئارقىلىق ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرقىسىم يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى ۋاقتىنچە ئالاھىدە بىرىكمە ئىچىدە ساقلىنىپ تۇرىدۇ. 

قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيە 

قاراڭغۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە بولسا كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن يورۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان رېئاكسىيىدە  ھاسىل بولغان ھىدروگېندىن گلۇكوزا سىنتېزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ۋاقتىنچە ساقلىنىپ تۇرغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىمۇ گلۇكوزىغا ئۆتۈپ زاپاس ساقلىنىدۇ. 

ئىنسانلار فوتوسىنتېزنىڭ پرىنسىپلىرىنى تېخى تەتقىق قىلىپ تولۇق ئېنىقلاپ چىققىنى يوق، بۇنىڭدىكى نۇرغۇن سىرلار كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#