چىغىرتماقگۈل

چىغىرتماقگۈل ئوخشاش رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، گۈل كاسىسى ۋە گۈل تاجىسى دەپ ئايرىلمايدۇ، بىرلەشتۈرۈپ گۈل يېپىنچىسى دېيىلىدۇ. جەمئىي ئالتە ياپراقچە بولۇپ، ئۈچ ياپراقچىسى ئاستى تەرەپكە ساڭگىلاپ، ئۈچ ياپراقچىسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ، بىر چوڭ كېپىنەك شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. چىغىرتماقگۈلنىڭ مەركىزىدە ئاستىغا جايلاشقان بىر ئۇرۇقدىنى بولىدۇ، ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىپ، ئۈچ تال كىچىك گۈل بەرگى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسىسى بىردىن ئاتىلىقنى يېپىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، گۈلنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپ سىرلىق تۈس بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چىغىرتماقگۈل
باشقا نامى 乌鸢、扁竹花、屋顶鸢尾、蓝蝴蝶、紫蝴蝶、蛤蟆七、蝴蝶花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ئاسپاراگۇس تۈركۈمى
ئۇرۇقدېشى چىغىرتماقگۈل ئۇرۇقدېشى
خەنزۇچە ئىسمى 鸢尾
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى چىغىرتماقگۈلئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىغىرتماقگۈل پىچان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سامان غوللۇق، بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈك، گۈلى چوڭ ھەم گۈزەل بولۇپ، ئېچىلغاندا كېپىنەككە ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خەلق ئىچىدە «كېپىنەكگۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

چىغىرتماقگۈل ئوخشاش رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، گۈل كاسىسى ۋە گۈل تاجىسى دەپ ئايرىلمايدۇ، بىرلەشتۈرۈپ گۈل يېپىنچىسى دېيىلىدۇ. جەمئىي ئالتە ياپراقچە بولۇپ، ئۈچ ياپراقچىسى ئاستى تەرەپكە ساڭگىلاپ، ئۈچ ياپراقچىسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ، بىر چوڭ كېپىنەك شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. چىغىرتماقگۈلنىڭ مەركىزىدە ئاستىغا جايلاشقان بىر ئۇرۇقدىنى بولىدۇ، ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىپ، ئۈچ تال كىچىك گۈل بەرگى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسىسى بىردىن ئاتىلىقنى يېپىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، گۈلنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپ سىرلىق تۈس بېرىدۇ. چىغىرتماقگۈلنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە بىرقەدەر مەزمۇتراق بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق شەكلى خەنجەرگە ئوخشايدۇ، قېلىن تېرە ماددىلىق، بەزى تۈرلىرى قىش پەسلىدىمۇ خازان بولمايدۇ، گۈلى ئېچىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ.  

ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرى بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكىلارنىڭ ھەممىسىگە تارالغان، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 300 تۈرى بار. جۇڭگودا تەخمىنەن 40 تۈرى بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە كۆپرەك، جەنۇبىي جۇڭگودا ناھايىتى ئاز. گۈل-گىياھ سورتى مەنبەسى قىلىنىدىغانلىرىدىن كېپىنەكگۈل، كۆك كېپىنەكگۈل، گېرمانىيە چىغىرتماقگۈلى قاتارلىق نەچچە خىلى بار. 

چىغىرتماقگۈلنىڭ تولىسى كۆك ياكى كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك بولۇپ، ئاق رەڭلىكلىرى ئالاھىدە ئەتىۋارلىق، ياۋروپالىقلار ئۇنى فلورېنسىيە چىغىرتماقگۈلى دەپ ئاتىشىدۇ. «فلورېنسىيە» ئىتالىيىدىكى داڭلىق بىر شەھەر بولۇپ، بۇ خىل گۈل ئەسلىي ئىتالىيىدە ئۆسىدىغان گۈل بولسا كېرەك، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە پارىژ شەھىرى دۇنياغا مەشھۇر گۈل شەھىرى بولۇپ، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن گۈللەر بۇ يەردە ئۆستۈرۈلۈپ، يىلدا بىر نۆۋەت خەلقئارالىق گۈل-گىياھلار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرخىل ئاجايىپ-غارايىپ چېچەكلەر خۇشبۇي ھىدى، كۆركەم ھۆسنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشسىمۇ، لېكىن فرانسۇزلار پەقەت ئاق رەڭلىك چىغىرتماقگۈلنىلا پارلاق، پاكلىق، سەلتەنەتلىكنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ؛ ئۇلار چىغىرتماقگۈلنى فرانسۇز مىللىتىنىڭ ئەركىن، ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق-يورۇق روھىنى نامايەندە قىلىپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، فرانسىيە ئاق رەڭلىك فلورېنسىيە چىغىرتماقگۈلىنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن. فرانسىيىنىڭ دۆلەت گېربىدە 12-ئەسىردىن باشلاپلا چىغىرتماقگۈلنىڭ سۈرىتى سىزىلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#