ئاياللاردىن چىققان تۇنجى ماتېماتىكا پروفېسسورى

ئۇيغۇرچە ئىسمى سوفىيە كوفالېكايا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1850-يىلى 15-يانۋار
دۆلەت تەۋەلىكى روسىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رۇسىيەلىك سوفىيە كوفالېكايا ئۆز تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق تۇنجى فروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئايال ماتېماتىكا ئالىمى. ئۇ 1850-يىلى 15-يانۋاردا تۇغۇلغان. 1871-يىلى گېرمانىيىدە مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى ۋېيرىسلاۋستىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. كوفالېسكايا 1874-يىلى ئۈچ پارچە مەشھۇر ئىلمىي ماقالە يېزىپ، گوتتىنگېن داشۆسىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ۋېيرىسلاۋس ئۇنى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدا شۇ مەكتەپكە نۇرغۇن قېتىم تونۇشتۇرۇش خېتى يازغان ئىدى. لېكىن مۇتەئەسسىپ ئەنئەنىۋىي بىر تەرەپلىمە قاراشلار تۈپەيلىدىن، ئۇ ياۋوپادا ھېچقانداق ئىلمىي خىزمەت ئورنى تاپالماي، موسكىۋاغا قايتىپ، ئېرى بىلەن بىللە سودىگەرچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1883-يىلى ئۇنىڭ كىيۇسى ۋاپات بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ۋېيرسلاۋسقا مۇراجەت قىلىدۇ. شىۋېتسارىيىنىڭ مەشھۇر ماتېماتىكا ئالىمى مىتگې رېفور ۋېيرسلاۋسنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۇنىڭغا ستوكھولم داشۆسىدىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى تېپىپ بېرىدۇ. ئۇ 1888-يىلى مۇھىم ئىلمىي ماقالە يېزىپ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شىۋىتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسسىمۇ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. كوفالېسكايا 1889-يىلى ستوكھولم داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىگە ئىگە بولىدۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن خۇسۇسىي دېففېرىنسىيال تەڭلمىنى تەتقىق قىلىپ داڭ چىقارغان بۇ تۇنجى ئايال ماتېماتىكا پروفېسسورى ئۆپكە ياللۇغى كېلىسى بىلەن ستوكھولمدا ئالەمدىن ئۆتتى. (جاڭ ديەنمياۋ)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#