ئەڭ بۇرۇن ئايغا چىققان ئادەم

ئاي شارى
1930-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا ئوھىئو شتاتىنىڭ ۋاپاكونېتادا تۇغۇلغان نېل ئالدېن ئارمىستىروڭ، ئاپالو 11-ئالەم كېمىسى بىلەن ئايغا چىقىش ئۇچۇشىغا قاتناشقان. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 3 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە (فرانسىيە ۋاقتى) ئاي شارى نىڭ «تېىنچ دېڭىز» رايونىغا قونغان. ئۇ، دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئاي شارى غا چىققان ئادەم.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نېل ئالدېن ئارمىستىروڭ
يۇرتى ۋاپاكونېت
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1930-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا ئوھىئو شتاتىنىڭ ۋاپاكونېتادا تۇغۇلغان نېل ئالدېن ئارمىستىروڭ، ئاپالو 11-ئالەم كېمىسى بىلەن ئايغا چىقىش ئۇچۇشىغا قاتناشقان. 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 3 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە (فرانسىيە ۋاقتى) ئاي شارىنىڭ «تېىنچ دېڭىز» رايونىغا قونغان. ئۇ، دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئاي شارىغا چىققان ئادەم. ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېدۋىن ئالدىرىنىمۇ ئايغا چىققان. ئالدىرىن 1930-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا نيوجىرىس شتاتىنىڭ مونتكىل شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇلار ئايغا چىققان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مىكئە ئېل كوللىنىس (1930-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى رىمدا تۇغۇلغان) ئاپالو ماركىلىق ئالەم كېمىسىنىڭ ماشىنا بۆلۈمىدە ئاي شارىنىڭ ئوربىتاسىنى بويلاپ ئۇچۇۋاتقان ئىدى. 

LEM ياكى LM «قارچۇغا» ماركىلىق ئالەم كېمىسى 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 21 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە (فرانسىيە ۋاقتى) ئايغا يېتىپ بېرىپ، 21 سائەت 36 مىنۇت 46 سېكۇنتتىن كېيىن، يەنى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 18 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە ئايدىن ئايرىلغان. ئاپالو 11-ئالەم كېمىسى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى بىلەن 7 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە كېننېدى تۇمشۇقىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. ئاپالو ئايغا چىقىش پىلانى ئامېرىكىنىڭ ئالەمگە ئۇچۇشتىكى ئەڭ چوڭ پىلانى بولۇپ، ئۇنىڭغا 376 مىڭ خادىم قاتناشتۇرۇلغان. 1966-, 1967-يىل ئارىلىقىدا چىقىم قىلىنغان خىراجەت 29 مىليارد 500 مىليون فرانكقا يەتكەن

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#