رادىئو قوبۇللىغۇچ، تېلېۋىزور، يەنە كومپيوتېرغا ئوخشاش ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىق باردىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باردىن ترانزىستور (كرىستال لامپا) نى كەشىپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى باردىن
تۇغۇلغان ۋاقتى 1908-يىل
يۇرتى ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باردىن (1908 −) ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغان، 16 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن، فىزىكىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ قالغان. دەسلەپكى يىللىرى ئۇ باشقا ئىككى ئالىم − شوكلېي ۋە براتان بىلەن بىرلىكتە گېرمانىي بىلەن سىلىتسىينىڭ فىزىكىۋى خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، بىر قېتىملىق تەجرىبىدە ئۇ گېرمانىي كرىستالىغا بىر دانە مۇقىم يىڭنە ۋە بىر دانە تەكشۈرگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەنپىي ئېلېكتر بېسىمى چۈشۈرۈلگەن تەكشۈرگۈچ ئارقىلىق مۇقىم يىڭنە ئەتراپىدىكى ئېلېكتر پوتېنسىئالىنىڭ تارقىلىشىنى تەكشۈرىدۇ. باردىن تەكشۈرگۈچنى مۇقىم يىڭنىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، 05.0 مىللىمېتىرلىق جايغا ئاپارغاندا، تەكشۈرگۈچتىن ئۆتۈۋاتقان توكنى ئۆزگەرتسە، مۇقىم يىڭنىدىن ئۆتۈۋاتقان توكقا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى توساتتىن بايقايدۇ. بۇ تاسادىپىي بايقاش ئۇلارغا بۇ قۇرۇلمىنىڭ چوڭايتىش رولى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئادەم ھەمكارلىشىپ تەكرار-تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 1947-يىلى يېڭى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ دېتالنى كەشىپ قىلىدۇ، مانا بۇ ترانزىستور ئىدى، ئۇ ھەم چوڭ، ھەم كېلەڭسىز، ھەم توك كۆپ كېتىدىغان ئېلېكترون لامپىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ نەتىجە ئېلېكترون ئىلمى ساھەسىنى دەرھال زىلزىلىگە سالىدۇ، باردىن قاتارلىقلار ئېلېكترون تېخنىكىسى ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى دەپ ئاتىلىدۇ. باردىن ۋە شوكلىى، براتانلار مۇشۇ سەۋەبتىن 1956-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا بىرلىكتە ئېرىشىدۇ.

باردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ يىلى ئىلىم-پەننىڭ يەنە بىر چوققىسى − سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيىسى چوققىسىغا يامىشىشقا باشلايدۇ. سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسى دېگىنىمىز، بەزى ئۆتكۈزگۈچلەردىكى قارشىلىقنىڭ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ مۇتلەق 0 گە يېقىنلاشقاندا توساتتىن يوقىلىپ، قارشىلىقسىز سۇپېر ئۆتكۈزگۈچكە ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەينى چاغدا سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق ھادىسىسى ئىلىم-پەندىكى قىيىن تېما ئىدى، باردىن ئوتتۇرا ياشلىق ئوقۇتقۇچى كوئوپېر، ئاسپىرانت شىريېۋىرلار بىلەن بىللە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدۇ. كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئاجايىپ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، كېيىن سۇپېر ئۆتكۈزۈشچانلىق نەزەرىيىسى SCB نەزەرىيەسى (ئۈچ ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرپىدىن تۈزۈلگەن) دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈچەيلەن بىرلىكتە 1972-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ ھەمكارلىشىپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىلىم-پەن ساھەسىدە ياشانغان، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلادنىڭ ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئورتاق ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. باردىن ئوخشاش بىر ساھە (قاتتىق جىسىم فىزىكىسى) دا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، بۇنداق ئەھۋال تارىختا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#