جۇڭگونىڭ مەشھۇر زوئولوگى بىڭجژ 1886-يىلى خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرىدەتۇغۇلغان.ئۇ بىر ئۆمۈر ھايۋانلار بىلەن ھەپىلىشىدۇ. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، چۈشتىن بۇرۇن تەجرىبىخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، چۈشتىن كېيىن يىغىنغا بارىدۇ. زىيادە چارچاش تۈپەيلىدىن، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بىڭجژ
يۇرتى خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1965-يىل
ئەسلى ئىسمى جەي بىڭجژ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1886-يىل
كەسپى زوئولوگ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىڭجژنىڭ ئەسلىي ئىسمى جەي بىڭجژ بولۇپ، خېنەننىڭ كەيفېڭ شەھىرىدىن. 17 يېشىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، زىيالىيلىق ۋە تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ، 23 يېشىدا يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىدىن ئەلا ئۆتۈپ، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدۇ. بىڭجژ 34 يېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگونىڭ بىئولوگىيە تەتقىقاتىنى باشلاشقا بەل باغلايدۇ.

بىڭجژ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا، نەنجىڭ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى قۇرىدۇ؛ ئىككىنچى يىلى ئېلىمىزدىكى تۇنجى بىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇ تەتقىقات خادىملىرىنى يېتەكلەپ، ھەق ۋە ۋاقىت بىلەن ھېسابلاشماي، ئېلىمىزنىڭ بىئولوگىيە تەتقىقات خىزمىتىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. 

بىڭجژ پۈتۈن ھاياتىدا زوئوتاكسونومىيە (ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىش ئىلمى)، مورفولوگىيە، فىزىئولوگىيە، ھاشاراتشۇناسلىق ۋە پالېئوزوئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ كارپ بېلىقنىڭ مورفولوگىيەسى ۋە دەريا دېلفىنىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئاناتومىيەلىك تەھلىلى ھەمدە يولۋاس مېڭىسى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى كەڭ تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان زوئولوگىيەسىنىڭ پېشۋاسى. ئۇ دۆلەت ئۈچۈن نەچچە ئون نەپەر زوئولوگىيە مۇتەخەسسىسىنى تەربىيىلەپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە بار.

 ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن خىزمەتتە ئىرادىلىك، ئىشەنچلىك، تەۋرەنمەس، سەۋرچان، ئەستايىدىل بولۇشنى؛ مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا قىيىنچىلىقتىن، ئاۋارىچىلىكتىن، مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەلەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۆزى ئەمەل قىلغان ھېكمەتلىك سۆز ئىدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#