ليۇ يۇڭفۇ

ليۇ يۇڭفۇ

ليۇ يۇڭفۇ (1837 −1917  يىللار) گۇاڭدۇڭنىڭ چىنجۇ (ھازىرقى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجۇ ناھىيەسى) دە ياللانما ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1857-يىلى، تيەندىخۇينىڭ چىڭ سۇلالىسى گە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1866-يىلى، پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ گۇاڭشىنىڭ ئەندې دېگەن يېرىدىكى بېيدى ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يەتتە يۇلتۇزلۇق قارا بايراقنى قوشۇنىنىڭ بايرىقى قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ قوشۇنى قارا بايراقلىق قوشۇن دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ليۇ يۇڭفۇ
باشقا نامى 刘业,刘义
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1837-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 刘永福
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى ھازىرقى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجۇ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1917-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ليۇ يۇڭفۇليۇ يۇڭفۇ (1837 −1917  يىللار) گۇاڭدۇڭنىڭ چىنجۇ (ھازىرقى گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجۇ ناھىيەسى) دە ياللانما ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1857-يىلى، تيەندىخۇينىڭ چىڭ سۇلالىسى گە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1866-يىلى، پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ گۇاڭشىنىڭ ئەندې دېگەن يېرىدىكى بېيدى ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، يەتتە يۇلتۇزلۇق قارا بايراقنى قوشۇنىنىڭ بايرىقى قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ قوشۇنى قارا بايراقلىق قوشۇن دەپ ئاتالغان. 1867-يىلى ئۇ چىڭ قوشۇنىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قوشۇنىنى باشلاپ ۋيېتنامنىڭ شىمالىغا بېرىۋالغان ھەمدە شۇ يەردە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.

فرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ليۇ يۇڭفۇ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئەسكەر تارتىپ جەڭ قىلىپ فرانسىيە ئارمىيەسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قارا بايراقلىق قوشۇننىڭ شۆھرىتى تېخىمۇ ئاشقان. 1883-يىل 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ليۇ يۇڭفۇ قوشۇنىنى باشلاپ خانويدىكى جىچاۋ دېگەن يەردە فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ ۋە قوماندانىنى ئۆلتۈرۈپ، ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانوينى قايتۇرۇۋالغان. ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، ۋيېتنام ئۈچۈن كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ۋيېتنام پادىشاھى ئۇنىڭغا «باتۇر ئەزىمەت» دەپ نام بەرگەن. 

ليۇ يۇڭفۇجۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، چىڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيەگە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن قارا بايراقلىق قوشۇننى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ليۇ يۇڭفۇغا «رويخەتتىكى ياساۋۇل بېگى» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا دۈشمەننى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. ۋيېتنام پادىشاھى فرانسىيىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ليۇ يۇڭفۇ يەنىلا قوشۇنىنى باشلاپ رېد-رىۋېر دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى داۋاملىق ساقلىغان، فرانسىيە ئارمىيىسى ئۇنى مۇداپىئەنى بىكار قىلىش بەدىلىگە 10 مىڭ تەڭگىگە سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. جۇڭگو-فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ جېننەنگۇەن (ھازىرقى يۇيىگۇەن) گە قايتىپ كەلگەن ھەمدە گۇاڭدۇڭ نەنئاۋجېننىڭ باشبۇغلۇقىغا تەيىنلەنگەن. 1894-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ليۇ يۇڭفۇ تەيۋەننىڭ ياردەمچى نازارەتچى ئامباللىقىغا تەيىنلەنگەن. 1895-يىلى، چىڭ سۇلالىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، تەيۋەننى ياپونىيىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ليۇ يۇڭفۇ تەيۋەن نى ياپونىيە گە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. سىرتنىڭ ھېچقانداق ياردىمى بولمىغان، ئىچكى جەھەتتە ئوزۇق-تۈلۈك ۋە تەمىنات يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ليۇ يۇڭفۇ قوشۇنىنى باشلاپ ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن يەكمۇيەك قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۇلارغا كۆپ قېتىم قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، لېكىن دۈشمەن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەي ئاخىر شيامېنغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

ليۇ يۇڭفۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ ئارام ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتى ئاجىزلىشىپ قالمىغان. 1915-يىلى ئۇ تېلېگرامما يوللاپ، يۈەن شىكەينىڭ ياپونىيە بىلەن ۋەتەن ساتقۇچ «21 ماددىلىق بېتىم» ئىمزالىغانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، پىدائىيلار قوشۇنى تەشكىللەپ ياپونىيەگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1917-يىلى 80 يېشىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#