ئېرستېد

 دانىيە فىزىكا ئالىمى، خىمىيە ئالىمى ئېرستېد 1777 -يىلى نامرات دورىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېرستېد
دۆلەت تەۋەلىكى دانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1851-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كوپېنھاگېنئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 汉斯·奥斯特
تۇغۇلغان ۋاقتى 1777-يىل
كەسپى فىزىكا ئالىمى ، خىمىيە ئالىمى
ئېنگېلىزچە نامى Hans Christian Ørsted

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 دانىيە فىزىكا ئالىمى، خىمىيە ئالىمى ئېرستېد 1777 -يىلى نامرات دورىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.

17 يېشىدا كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دورىگەرلىكنى ئۆگەنگەن. ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقاتتى. 22 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 29 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور بولغان، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 31 يېشىدا فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. 

1820-يىلى  4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەلۇم دەرسخانىدا فىزىكا دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى. دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، پروفېسسور: «بىز ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى پاراللېل قويۇپ سىناپ كۆرەيلى» دېگەن. پروفېسسور ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى ماگنىت مېرىدىئانى يۆنىلىشىدە قويۇپ توكقا ئۇلايدۇ، بۇ چاغدا كىچىك ماگنىتلىق ئىسترېكا ئۆتكۈزگۈچ سىم تەرەپكە تىك يۆنىلىشتە خېلىلا ئاغقان. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئەمما پروفېسسور ئىنتايىن ھاياجانلانغان، ئۇ بۇ چاغدا ئۇزۇندىن ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىغان. شۇ كۈنى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرى يېتىپ كەلگەن.

 ئېرستېد توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقاشتىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى، كىشىلەر ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئامپېر، بىئوت قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى مەشھۇر فىزىكلارمۇ ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغاچقا، بۇلار كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ گېرمانىيە پەيلاسوپى كانتنىڭ تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ بىردەكلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىش بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، شۇڭا  1812-يىلىلا ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇزاق مەزگىل تەجرىبە قىلىش، ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى، دەرسخانىدا ھېلىقى تاسادىپىيلىق مۇقەررەرلىككە ئايلىنىش كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلگەنىدى.

  ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئېلېكتر ۋە ماگنىت توغرىسىدىكى نۇرغۇن يېڭى ھادىسىلەر بايقىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ئېلېكتر ماگنىت قانۇنلىرى تېپىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكترلىك ماگنىتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بارلىققا كەلگەن.

ئېرستېد مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان مۇنەۋۋەر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا  1937-يىلىدىن ئېتىبارەن، ھەر يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا «ئېرستېد مېدالى» بېرىلىپ كەلمەكتە.

1820-يىلى4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دانىيىنىڭ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەلۇم دەرسخانىدا فىزىكا دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى. دەرستىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، پروفېسسور: «بىز ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى پاراللېل قويۇپ سىناپ كۆرەيلى» دېگەن. پروفېسسور ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ماگنىت ئىسترېلكىسىنى ماگنىت مېرىدىئانى يۆنىلىشىدە قويۇپ توكقا ئۇلايدۇ، بۇ چاغدا كىچىك ماگنىتلىق ئىسترېكا ئۆتكۈزگۈچ سىم تەرەپكە تىك يۆنىلىشتە خېلىلا ئاغقان. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئەمما پروفېسسور ئىنتايىن ھاياجانلانغان، ئۇ بۇ چاغدا ئۇزۇندىن ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقىغان. شۇ كۈنى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرى يېتىپ كەلگەن، يېڭى دەۋرنىڭ مۇقەددىسىمىنى ئاچقۇچى بۇ پروفېسسور دانىيىلىك ئېرستېد(1777 −1851) ئىدى. ئېرستېد نامرات دورىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 17 يېشىدا كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دورىگەرلىكنى ئۆگەنگەن. ئۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە، پەلسەپە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىزىقاتتى. 22 يېشىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 29 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور بولغان، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 31 يېشىدا فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. sfsef

ئېرستېد توكنىڭ ماگنىت ئېففېكتىنى بايقاشتىن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى، كىشىلەر ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ئامپېر، بىئوت قاتارلىقلارغا ئوخشاش بەزى مەشھۇر فىزىكلارمۇ ئېلېكتر بىلەن ماگنىتنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغاچقا، بۇلار كىشىلەرنىڭ ئېلېكتر ماگنىت ھادىسىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئۇ گېرمانىيە پەيلاسوپى كانتنىڭ تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ بىردەكلىكى توغرىسىدىكى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا، ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىش بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، شۇڭا1812-يىلىلا ئېلېكتر بىلەن ماگنىت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ئۇزاق مەزگىل تەجرىبە قىلىش، ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆز قولى بىلەن نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، كۆپ قېتىملىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى، دەرسخانىدا ھېلىقى تاسادىپىيلىق مۇقەررەرلىككە ئايلىنىش كۆرۈنۈشى بارلىققا كەلگەنىدى.

ئېرستېدنىڭ بايقىشى ئېلېكتر ماگنىت ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئېلېكتر ۋە ماگنىت توغرىسىدىكى نۇرغۇن يېڭى ھادىسىلەر بايقىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ئېلېكتر ماگنىت قانۇنلىرى تېپىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئېلېكترلىك ماگنىتنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش بارلىققا كەلگەن.

ئېرستېد مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان مۇنەۋۋەر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا1937-يىلىدىن ئېتىبارەن، ھەر يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا «ئېرستېد مېدالى» بېرىلىپ كەلمەكتە.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#