لەي نىڭ

لەي نىڭ

1988-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، 14 ياشلىق بىر بالا دۆلەت ئورمىنىنى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. سىچۇەن ئۆلكىسى جىشىن ناھىيىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 4000 دىن ئارتۇق ئادەم مۇراسىمغا قاتنىشىپ بۇ «ئۆسمۈر قەھرىمان لەي نىڭ» نى ياد ئەتتى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لەي نىڭ
باشقا نامى 赖麟
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1988-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 赖宁
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1973-يىلى
كەسپى ئۇقۇغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لەي نىڭ1988-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، 14 ياشلىق بىر بالا دۆلەت ئورمىنىنى ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. سىچۇەن ئۆلكىسى جىشىن ناھىيەسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 4000 دىن ئارتۇق ئادەم مۇراسىمغا قاتنىشىپ بۇ «ئۆسمۈر قەھرىمان لەي نىڭ» نى ياد ئەتتى. 

لەي نىڭ شىميەن بازىرىدىن بولۇپ، بازارنىڭ ئەتراپى ئورمانلىق بىلەن قاپلانغانىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئورمانلىقتا ئويناپ چوڭ بولغان، لى سىگۇاڭغا ئوخشاش گېئولوگ بولۇپ، يۇرتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى ئېچىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇ «ئېكسپېدىتسىيە» پائالىيىتىگە ئامراق بولغاچقا، دائىم ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىپ ئۆزى يالغۇز تاغمۇتاغ ئارىلاپ يۈرۈپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغان، بىلىمىنى بېيىتقان. ئۇ مەكتەپتە تىرىشچان، ئەلاچى، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان چاغدا، مەكتەپ ئۇنى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ھەمدە بازار بويىچە 1-بولۇپ، ئۆلكىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ  شىميەن ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان.

لەي نىڭلەي نىڭ كىچىكىدىنلا كوللېكتىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشقىلارغا قىزغىن ياردەم بېرەتتى، ئائىلىسىدە تۆت بالا ئىچىدە يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا، ئۆيىدىكى ھەممەيلەن ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى. بىراق، ئۇ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەيلى سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىشى بولسۇن ۋە مەيلى ساۋاقداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسۇن، ئىشنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ناھايىتى پۇختا ئورۇندايتتى، ھەممە يەردە ياخشى ئىش قىلىپ تۇرسىمۇ، قىلچە داۋراڭ سالمايتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، ئۇ ئۈچ قېتىم تاغقا چىقىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ، ئورمانچىلىق تارماقلىرى تەقدىرنامىنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان. 1988-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لەي نىڭ ئۆيدىن چىقىپلا، تاغقا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىدى ھەمدە ئانىسىغا دەپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئوت كەتكەن جايغا قاراپ يۈگۈردى. 20 -30 مېتىر ئېگىزلىكتە كۆيۈۋاتقان ئوت قويۇق ئورماننى ياۋۇزلارچە يالماپ يۇتۇۋەتتى. ئۇ قولىغا دەرەخ شاخلىرىنى ئېلىپ، ئوت دېڭىزى بىلەن ئېلىشىشقا باشلىدى. كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، ئوت ئۆچۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ناھىيە رەھبەرلىرى ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنى تاغدىن چۈشۈپ كېتىشكە بۇيرۇدى. لەي نىڭنىڭ ئوت دېڭىزىدىن ئايرىلىشقا زادىلا كۆزى قىيمىدى. تاغدىن چۈشۈشكە ئازلا قالغاندا، ئۇ بىر پارچە ئوتنىڭ تاغ تۈۋىدە كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئوت كۆيۈۋاتقان تەرەپكە ئېتىلدى، قالغانلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. ئوت ئاخىر ئۆچۈرۈۋېلىندى. كىشىلەر ئورمانلىقتىكى كۈل ئىچىدىن لەي نىڭنىڭ جەسىتىنى تاپقاندا، ئۇ بىر تال قارىغاي شېخىنى مەھكەم تۇتۇۋالغانىدى . . . 

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى لەي نىڭغا «ئۆسمۈر قەھرىمان» دەپ نام بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنى لەي نىڭدىن ئۆگىنىپ، ئىنقىلابنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولۇشقا چاقىردى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#