ئۈچ ساۋ

«ئۈچ ساۋ» خەن، ۋېي ئارىلىقىدىكى شائىر ساۋ ساۋ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ساۋ پى، ساۋ جىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈپ ئاتىلىشى. ئۇلار سىياسىي سەھنىدە نام چىقارغان، ئەدەبىياتتىكى نەتىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ داھىيسى بولغان، «جيەنئەن ئۇسلۇبى» ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەدىبلەردۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ساۋ ساۋ، ساۋ پى، ساۋ جى
باشقا نامى ئۈچ ساۋ
كەسپى سىياسىئون ، ئەدىب
خەنزۇچە ئىسمى 曹操、曹丕、曹植
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 خەن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرىدىكى جيەنئەن دەۋرىدە ئەدەبىيات ساھەسىدە نۇرغۇن يازغۇچىلار مەيدانغا كېلىپ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىرىنچى قېتىم ئەدىبلەر شېئىرىيىتىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى يۇرتىدىن ئايرىلىش، قالايمىقانچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچى تارتقاچقا، ئاڭلىق تۈردە خەن دەۋرىدىكى يۆفۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شېئىردا ھىجران، قالايمىقانچىلىق ۋە ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇپ، ئىگىلىك تىكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىگەن، مەردانە، مۇڭلۇق، ئوچۇق، قەيسەر بولغان ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە. كىشىلەر بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىياتنى «جيەنئەن ئەدەبىياتى» دەپ ئاتىغان.

«ئۈچ ساۋ» خەن، ۋېي ئارىلىقىدىكى شائىر ساۋ ساۋ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ساۋ پى، ساۋ جىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈپ ئاتىلىشى. ئۇلار سىياسىي سەھنىدە نام چىقارغان، ئەدەبىياتتىكى نەتىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ داھىيسى بولغان، «جيەنئەن ئۇسلۇبى» ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەدىبلەردۇر. 

ساۋساۋ

ساۋ ساۋ تۇنجى بولۇپ ۋېي بەگلىكىگە پادىشاھ بولۇپ تەيىنلەنگەن، خەن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيون ۋە ھەربىي ئالىم. ئەينى چاغدىكى سىنىپىي كۈرەش ئۆتكۈر بولغان ۋەزىيەتتە، ئۇ «تەڭرىقۇتنى بەگلىكلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە قىستاپ» ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۆلگۈنچى كۈچلەرنى تىنچىتىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئۇ ناھايىتى جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك ھۆكۈمران. ئۇ «سىرتقا قارىتا ھەربىي ماھارەتنى كۈچەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈپ»، ئۇزاق مەزگىللىك جەڭ ھاياتىدا نۇرغۇن شېئىر يازغان، جيەنئەن ئەدەبىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقۇچى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۈچلۈك رېئالىزملىق روھقا ئىگە، مەسىلەن، «دالىدا كېپەنسىز ئاپئاق سۆڭەكلەر، ئاڭلانماس يىراقتىن خورازنىڭ ئۈنى. پۇقرانىڭ يۈزىدىن بىرىلا قاپتۇ، ئويلىسا سىيرىلار ئادەمنىڭ ئىچى» قاتارلىق مىسرالىرى «ئەۋلادلار ئۈچۈن قايغۇرغان، خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىنىڭ ئەمەلىي خاتىرىسى» دەپ نام ئالغان. «تۇرسىمۇ ئېغىلدا قېرى تۇلپارنىڭ، يولغا تەلپۈنەر ھامانەم كۆڭلى. سۇنمايدۇ قۇربانلار جاسارىتى ھېچ، باسسىمۇ قەبرىنى يىللارنىڭ چېڭى» دېگەن مىسىرالاردا ئۆزى قېرىسىمۇ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، كۈرەش قىلىشتىن ھەرگىز توختىمايدىغان روھى ئىپادىلەنگەن، بۇ روھ ھازىرغىچە ئۈزۈلمەي ياد ئېتىلمەكتە. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا زەبەردەس كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بىر دەۋرنىڭ شېئىر ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، «جيەنئەن جاسارىتى» نىڭ ئالاھىدىلىكىنى روشەن نامايان قىلغان. 

ساۋ پى 

ساۋ پى ۋېي سۇلالىسىنىڭ ۋېندى خانى، ساۋ ساۋنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ئۇ بىلىملىك ۋە زېھىنلىك، يېزىقچىلىققا ماھىر، لېكىن ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇن ساۋ ساۋدەك مول، چوڭقۇر ئەمەس. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپىنچە يىگىت-قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىنى سېغىنغان قايغۇلۇق ئايرىلىشى، قاتتىق غەم-قايغۇغا پاتقانلىقى چوڭقۇر، تەسىرلىك يېزىلغان. تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە يۆفۇ قوشاقلىرىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان. «قارلىغاچ ناخشىسى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، بۇ ئەسەر ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان ئەڭ بۇرۇنقى يەتتە بوغۇملۇق شېئىر ھېسابلىنىدۇ.

ساۋ جى

ساۋ جى ساۋ ساۋنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى، جيەنئەن دەۋرىدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك ئەدىب، قەدىمكى كىشىلەر ئۇنى «جيەنئەن ئەزىمىتى» دەپ ئاتاشقان. ئۇنىڭ ئۆمرى ساۋ پى خانلىقىنىڭ ئالدى-كەينى بولۇپ، ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى دەۋردە ساۋ ساۋنىڭ ئەزىزلىشى ۋە بىلىم ئېلىش بىلەن ئۆتكەن دەۋر. كېيىنكىسىدە ساۋ پىنىڭ گۇمانخورلۇق قىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى سەۋەبىدىن ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىدىن ھەسرەت چېكىپ، ئاخىر تىت-تىت بولۇپ، دەرد-ئەلەمدە ئۆلۈپ كېتىشى. ئۇنىڭ «پېلەك كۆيۈپ قاينىسا قازان، نالە قىلىدۇ پۇرچاق ئازابتا. نە ۋەجى كۆيسە بىرى، بىرى پىشىدۇ؟ ! يىلتىزى بىر ئىدى ئەسلىدە، ئەمما» دېگەن مىسرالىرىدا بۇ خىل زىيانكەشلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ساۋ جىنىڭ شېئىرلىرى يۆفۇ خەلق قوشاقلىرىدىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تىلنى پىششىقلاش ۋە تاۋلاشقا كۈچ چىقىرىپ، شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېيىنكى دەۋرلەردىكى شېئىرلار، بولۇپمۇ بەش بوغۇملۇق شېئىرلارنىڭ تەرەققىياتىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ «لوشۈي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدە نەزم» ناملىق شېئىرى ئىلگىرىكى تارىخىي دەۋرلەردە ئەڭ كەڭ تارقالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#