بېي يۈمىڭ
بېي يۈمىڭ (1917 −) ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق بولۇپ، «ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر بىناكار» دەپ تەرىپلەنگەن. 1983-يىلى، ئۇ بىناكارلىق ساھەسىدىكى «نوبېل مۇكاپاتى» − پۇرۇسكا بىناكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېي يۈمىڭ (1917-يىل) ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق بولۇپ، «ئامېرىكا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر بىناكار» دەپ تەرىپلەنگەن. 1983-يىلى، ئۇ بىناكارلىق ساھەسىدىكى «نوبېل مۇكاپاتى» − پۇرۇسكا بىناكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بېي يۈمىڭنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرى سۈرەتتەك گۈزەل سۇجۇ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر بىلەن تولغان شاڭخەيدە ئۆتىدۇ، ئۇ كىچىكىدىنلا داڭلىق ئارخىتېكتور بولۇشقا ئىرادە باغلايدۇ. كېيىن ئامېرىكىدا بىناكارلىق ئىلمىنى ئۆگىنىدۇ، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن كۆپ قېتىم مۇرەككەپ لايىھىلەش ۋەزىپىلىرىنى تاماملايدۇ ۋە نيۇيوركتا ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىلەش ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىدۇ، يەنە «بېي يۈمىڭ بىناكارلىق لايىھىلەش شىركىتى» نى قۇرۇپ، مەخسۇس بىناكارلىق لايىھىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن چوڭ شەھەرلىرىدە بېي يۈمىڭنىڭ «ئەسەر» لىرى بار. ئۇ لايىھىلىگەن بوستوندىكى كېننېدى كۇتۇپخانىسى ئامېرىكا بىناكارلىق تارىخىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىدۇ. يەنە دېنۋىر شەھىرىدىكى ئاسمان-پەلەك بىنا، نيۇيورك شەھىرىدىكى پارلامېنت مەركىزى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. بېي يۈمىڭ فىلادېلفىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تېغى بىناسىنى لايىھىلىگەچكە، «خەلق ئارخىتېكتورى» دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ.
بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن شۇنچە كۆپ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە، ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت سەنئەت سارىيىنىڭ شەرقىي زالى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارتېر «بۇ ئىمارەت پايتەخت ۋاشىنگتوننىڭ گارمونىيىلىك ھەم مۇكەممەل بىر قىسمى بولۇپلا قالماستىن، ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سەنئەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈنسايىن كۈچەيتىدىغان بەدىئىي سىمۋول» دەپ تەرىپلىگەن.
بېي يۈمىڭنىڭ ئەسەرلىرى ئامېرىكىغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىغا تارالغان. ئېلىمىزدە بېيجىڭنىڭ غەربىدىكى داڭلىق شاڭسەن مېھمانخانىسىنىمۇ بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ كلاسسىك باغ-ئورمان قۇرۇلۇشىدىكى ئۇتۇقلار مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، لايىھىلىنىشى ئۆزگىچە. 1984-يىل 5-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ دائو پىخۇئوڭ خوئاڭ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، نەچچە 100 ئارخىتېكتور بىلەن مېھمان 500 نەچچە نامزات ئىمارەتتىن 13 ئىمارەتنى تاللاپ، يىللىق شەرەپ مۇكاپاتى تارقىتىدۇ، بېي يۈمىڭ لايىھىلىگەن شياڭسەن مېھمانخانىسى بۇنىڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
بېي يۈمىڭ يەنە فرانسىيە زۇڭتۇڭى مېتراننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ناپولېئون مەيدانىغا ئورۇنلاشقان لورد سارىيىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش لايىھىسىنى تاماملايدۇ. بۇ لايىھە ئېيفېل تۆمۈر مۇنارى قاتارلىق دۇنيادىكى قۇرۇلۇش مۆجىزىلىرىگە ئىگە دۆلەتنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، لورد سارىيى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيغا ئايلىنىدۇ. كىشىلەر شەرق مىللىتىدىن بولغان بۇ لايىھىلىگۈچىنى تەرىپلەپ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە لايىھىسى «پارىژنى ئۆزىگە مايىل قىلدى» دېيىشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.