تىخو براخ

تىخو براخ

1572-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ياش ئاسترونوم تىخو براخ  (1546 −1601) زالدىن چىقىپ ئادىتى بويىچە يۇلتۇزلۇق كۆككە قارايدۇ، توساتتىنلا كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ كەينىدە ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان يېڭى يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. دەسلىپىدە ئۇ خاتالاشقان ئوخشايمەن دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئەينى چاغدا كىشىلەر يۇلتۇزلارنىڭ سانى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇ ئەستايىدىل كۆزىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېڭى يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ، بۇ بايقاش ئارىستوتېلنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگەرمەسلىك تەلىماتىنى تۈپتىن تەۋرىتىپ، ئاسترونومىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، كېيىن بۇ يېڭى يۇلتۇزغا «تىخو براخ يېڭى يۇلتۇزى» دەپ نام بېرىلىپ، تىخو براخمۇ «يۇلتۇز ئىلمى پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تىخو براخ
دۆلەت تەۋەلىكى دانىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1601-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
چەتئەلچە نامى Tycho Brahe
خەنزۇچە ئىسمى 第谷·布拉赫
تۇغۇلغان ۋاقتى 1546-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
كەسپى ئاسترونوم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىخو براخ دانىيىلىك بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئىنتايىن ئەقىللىق ئىدى، تەبىئەتنى ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ كۆكنى قاپلىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن ئىدى. 1560-يىلى 8-ئايدا، رەسەتخانا مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى كۈننىڭ تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. 14 ياشلىق تىخو براخ ئەسۋابتىن پايدىلىنىپ، دەرۋەقە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ! «كۈننىڭ تۇتۇلۇشىدىن مەلۇمات بەرگىلى بولىدۇ» غانلىق ئۆسمۈر تىخو براخنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدۇ. تىخو براخ شۇنىڭدىن كېيىن، ئاسترونومىيىگە دائىر كىتابلارنى كەڭ دائىرىدە ئوقۇپ، ئۇيقۇ ۋە تاماقنى ئۇنتۇش ھالىتىگە يېتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ناتوغرا يولدا مېڭىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ، يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى نازارەت قىلدۇرىدۇ. بىراق، تىخو براخ قاراڭغۇ چۈشۈپ ئەل ئايىغى جىمىققاندا، ئۆزى ياسىغان ئەسۋابنى ئېلىپ، ئوغرىلىقچە چىقىپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىدۇ. 1576-يىلى،  30 ياشلىق تىخو براخ دۇنياغا تونۇلغان ئاسترونومغا ئايلىنىدۇ. دانىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا يېڭى يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىخو براخ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىتىشىنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆزىتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يېتىپ، شۇ دەۋردىكى باشقا كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. تىخو براخ توپتوغرا  20 يىل خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن توغرا ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارنى توپلايدۇ، ئۇ، تۆت 777 يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ چىقىدۇ، ئۆلچىگەندىكى خاتالىق پەرقى تۆت رادىئاندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

بىراق، تىخو براخ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئىلمىي رەتلەشكە ماھىر ئەمەس ئىدى، بولۇپمۇ ئۇ «يەر مەركەز تەلىماتى» غا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، مول كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتە زور بايقاشقا ئېرىشەلمەيدۇ. 1601-يىلى تىخو براخ بەختكە قارشى كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى پۈتۈن ھاياتىدىكى يۈرەك قېنى بەدىلىگە كەلگەن ماتېرىياللارنى ئۆزىنىڭ گېرمانىيىلىك ياردەمچىسى كېپلېرغا تاپشۇرىدۇ. كېيىن كېپلېر بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دەۋر بۆلگۈچ بايقاشلارغا ئېرىشىپ، مەشھۇر ئاسترونومغا ئايلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/67970.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#