جاڭ بىڭگۇي

جاڭ بىڭگۇي (1919 −1987-يىللار) ئېلىمىزنىڭ سودا-سانائەت سېپىدىكى نەمۇنىچى. ئۇ بىر ئۆمۈر پوكەي ئالدىدا تۇرۇپ، نەچچە مىليون خېرىدارنى كۈتۈۋالغان، خۇددى يالقۇنجاپ تۇرغان چوغقا ئوخشاش سانسىزلىغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتقان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ بىڭگۇي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1987
خەنزۇچە ئىسمى 张秉贵
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1918
كەسپى ئەسلىدىكى بېيجىڭ شەھەرلىك تۈرلۈك ماللار بىناسىدىكى كەمپۈت پوكىيىدە مال ساتقۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەزىلەر جاڭ بىڭگۇينىڭ خىزمىتىنى «ھۇزۇرلۇق كەسىپ» دېيىشكەن، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرى جاپالىق ھەم ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇ 1919-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، كىچىكىدە باشقىلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، كۈنىگە ئاران بىر-ئىككى تەڭگە پۇل تاپقان. 17 يېشىدا بىر دۇكانغا كىرىپ شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن، بېيجىڭ ئازاد بولغاندىلا، ئاندىن قەددىنى كۆتۈرەلىگەن. 1955-يىلى، ئۇ بېيجىڭدىكى ۋاڭفۇجىن تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىنىڭ پېچىنە-پىرەنىك گۇرۇپپىسىدا پرىكازچىك بولغان، كېيىن قەنت-گېزەك گۇرۇپپىسىدا ئىشلىگەن. ئۇ مال سېتىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، نەرسە-كېرەكنى قولىغا ئېلىشتا «بىر سىقىمداپلا توغرا ئېلىش»، باھاسىنى ھېسابلاشتا «بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئوچۇق ئېيتالايدىغان» بولۇشتەك قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سانسىز قېتىم جاپالىق مەشىق قىلغان. گەرچە يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى ئەنە شۇنداق قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھەقىقىي ماھارەت ئىگىلەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرگەن. 

جاڭ بىڭگۇي نەچچە ئون يىلنى خۇددى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خېرىدارلارغا ئاكتىپ، قىزغىن، سەۋرچان، ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلغان. ئۇنىڭ پوكىيى ھەمىشە نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ياكى مەخسۇس ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئۇ مەيدىسىگە «461» نومۇرى چۈشۈرۈلگەن، ئاق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ھالدا چىرايىغا ھەمىشە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇراتتى، پۇت-قولىنى ناھايىتى چاققان قىلىپ، قەنت-گېزەك سېتىۋالغانلارغا ئۆزگىچە خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى. 

ئۇ 1987-يىلى 9-ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، جەسەت كۈلى باباۋشەندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان. 

 

نەچچە ئون يىل داۋامىدا جاڭ بىڭگۇي «ئوتتەك قىزغىن روھى» ئارقىلىق سانسىز كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھىمايىسىگە سازاۋەر بولغان، نۇرغۇن قېتىم شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 1959-يىلى مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى، 1978-يىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 1979-يىلى مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ يەنە مەملىكەتلىك 6-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/43676.htm

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#