تۇجى

دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك ئالىمى، سادىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پۈتۈن ھاياتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان پروفېسسور تۇجى 1901-يىلى 8-ئاينىڭ  20-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسىنىڭ تۇجاۋەن دېگەن يېرىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تۇجى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1976-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 涂治
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1901-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
كەسپى يېزا ئىگىلىك ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك ئالىمى، سادىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پۈتۈن ھاياتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان پروفېسسور تۇجى 1901-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسىنىڭ تۇجاۋەن دېگەن يېرىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

ئۇنىڭ بوۋىسى تۇداۋيۇڭ چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى زىيالىيلاردىن بولۇپ، خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىشنى كەسىپ قىلغان، غەرب ئىلمىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۆز ناھىيىسىدىكى «مۇلەن» قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. دادىسى تۇخېڭفۇ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر سودا فېرمىسىنىڭ ھېساباتىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەردىن ئىدى. تۇجى 1915-يىلى 8-ئايدا 13 ياشقا تولغاندا، ئۆز ناھىيىسىدىكى تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ چىڭخۇا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتىدۇ. چىڭخۇا مەكتىپى ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق مەكتىپى بولغاچقا، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە مائارىپىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانىدى. تۇجى 1924-يىلى 6-ئايدا چىڭخۇا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ساۋاقدىشى جۇپېييۈەن قاتارلىقلار بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ مىننېسۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات مەھكىمىسىدە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىقى ئىلمىنى ئۆگىنىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

 1929-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، گۇاڭجۇنىڭ لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، قوشۇمچە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئۇ 1931-يىلى يازلىق تەتىلىدە، تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتقاندا، چاڭجياڭ ئېقىنىدىكى چوڭ كەلگۈننىڭ ئەھۋالىنى، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ باش-پاناھسىز قالغان خەلقنىڭ ھەريەردە سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ خارابلاشقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ياپون باسقۇنچىلىرى «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى قوزغىغاندىن كېيىن، مىللى نۇنقەرزلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ مەكتەپ ئاچقاننىڭ، تەجرىبىخانىغا بېكىنىۋېلىپ تەتقىقات قىلغاننىڭ دېھقانلارغا ھېچقانداق ياردىمى، دۆلەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن «دەپ ئويلايدۇ ۋە لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، تەكلىپ بىلەن كەيفېڭدىكى خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگلىك ئىنىستېتۇتىدا پروفېسسور، قوشۇمچە يۈەنجاڭ بولىدۇ.

1934-يىلىنىڭ باشلىرىدا، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ ۋە قوشۇمچە پاختىكارلىق بويىچە تەجرىبە مەيدانى ئاچىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئېلان قىلغان «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەققىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» نى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن ئارىلىشقا قەتىئىي ئىرادە باغلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ غەربىي شىمالىغا كېلىپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇگۇڭ دېگەن يېرىدىكى غەربي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق تېخنىكومىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئىلمىي مۇدىرى بولىدۇ. ئۇ يەر بىلەن يەنئەننىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاچقا، ئۇ يەردە بىر قىسىم ماركىسىزم-لېنىنىزم ئەسەرلىرى ۋە ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كوممۇنىزمنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنى، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئەمەلىي كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ ۋە بارلىقىنى ئىنقىلابىي ئىشلارغا بېغىشلايدۇ. پروفېسسور تۇجى غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق تېخنىكومىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستېتۇتىدىكى خىزمەتدىشى، كومپارتىيە ئەزاسى يولداش لى تەييۈنى يولۇقتۇرىدۇ. لى تەييۈ شەنشىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەكتەپلىرىدە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتىنى ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ، دائىم ئۇچرىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ تۇرىدۇ. تۇجى بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملىنىدۇ. ئۇلار يەنە يەنئەنگە بىللە بېرىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. «7-ئىيۇل» ۋەقەسى پارتىىغاندىن كېيىن، ئۇ تېخنىكومدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەيدۇ. ئىلغار ئوقۇغۇچىلارنى يەنئەنگە بېرىپ كوممۇنىستىك پارتىيىنى تېپىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. مەكتەپنىڭ ئەكسىيەتچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىگە قورقۇش ھەم ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

1938-يىلى 1-ئايدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېنىستىتۇتى بىلەن غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق تېخنىكومى بىرلەشتۈرۈلۈپ، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ بىر ئۇچۇم ئەكسىيەتچىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەكتەپكە خىزمەتكە كىرىۋالىدۇ. مەكتەپنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئامالسىزلىققا چۈشۈپ قالىدۇ. پروفېسسور تۇجى بۇ ئەكسىيەتچىلەر بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن، غەزەپلەنگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىستىپا بېرىپ، دېھقانچىلىق تەجرىبە مەيدانىنىڭ مۇدىرلىقىنىلا ئۆتەيدۇ ۋە مەيدانغا كۆچۈپ بېرىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ماركىسىزم-لېنىنىزم ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ، رۇس تىلىدىن بىلىم ئاشۇرىدۇ. دەل شۇ مەزگىلدە ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر، شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مۇدىرى دۇجۇڭيۈەن ئەپەندى مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن شەنشىگە بارىدۇ ۋە تۇجىنى شىنجاڭغا بېرىپ، شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنى كەلگۈسىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ قۇرۇش ئىشىغا ياردەملىشىشكە ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ دۇجۇڭيۈەننىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، 1938-يىلى 10-ئايدا غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىدىن ئايرىلىدۇ ۋە  1939-يىلى ئەتىيازدا، ئامېرىكىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسى جۇيۈنشاۋ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىللە لەنجۇدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئەشيالارنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىلى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، دۇجۇڭيۈەننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. كېيىن شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ تەمىنات نازارىتى تولۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكومى قۇرغانلىقتىن، تۇجى ئۇنىڭغا ئىلمىي مۇدىر بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1941-يىلى 1-ئايدا كەلگەندە، تولۇق يېزا ئىگىلىك تېخنىكومى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا قوشۇۋېتىلىپ، يېزا ئىگىلىك فاكۇلتېتىغا ئۆزگەرتىلدى. تۇجى ئۇنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، قوشۇمچە فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.

1943-يىلى جاللات شېڭ شىسەي «ئىلغار» لىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قوينىغا ئېتىپ، شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ياشلارغا رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ ئاتالمىش «توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى قەستلەش دېلوسى» نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، «تۇجى شىنجاڭ گېزىتى» دە قۇتراتقۇلۇق مەزمۇنىدا ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ «بوك» ، «波克» دېگەن تەخەللۇسى(بولشېۋىك) دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى دېگەن باھانە بىلەن ئۇنى 1944-يىلى 4-ئايدا تۈرمىگە تاشلايدۇ. شېڭ شىسەي تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئالىم ۋە مۇتەخەسسىلەرنىڭ ھۆددىگە ئېلىشى بىلەن تۇجىنى تۈرمىدىن بوشىتىدۇ. پروفېسسور تۇجى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەمىنات نازارىتىنىڭ تېخنىكا مەسىھەتچىسى، قوشۇمچە قان زەردابى ئىشلەش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 12-ئايدا ئۇنى تاشكەنتكە بېرىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە يىغىندا ئىلمىي دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. تۇجى شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1946-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ماركىسىزم-لېنىنىزمنى ئۆگەنگەن ۋە تۈرمىدە ئېغىر سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن تۇجىنىڭ كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ ئاشقانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ مەخپىي ئىلغار تەشكىلات «كۈرەش تەشكىلاتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنى مەزگىلىدە، ماۋجۇشى، ليۇشاۋچى، جۇئېنلەي، جۇدې قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.

1946-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» قۇرۇلۇپ، تۇجى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قوشۇمچە دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ؛ 1950-يىل 1-ئاينىڭ 32-كۈنى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يولداش تۇجى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. شىنجاڭدا «1-ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندا يولداش ماۋزېدۇڭ تۇجىنى مۇدىرلىققا تەيىنلەيدۇ. 5195-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا، شىنجاڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تەتقىقاتى ئورنىمۇ قۇرۇلۇپ، تۇجى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەشكە مەسئۇل بولىدۇ. 1965-يىلى 10-ئايدا ئىلگىرىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن-تەتقىقاتى ئورنى ئاساسىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىيەسى قۇرۇلۇپ، تۇجى ئاكادېمىيەنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. شۇ مەزگىللەردە تۇجى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئاكادېمىيەسى ئىلمىي مۇھاكىمە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق 20 نەچچە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تۇجى 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#