توجوھىدېكى

توجوھىدېكى 1884-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى توجوھىدېكى
دۆلەت تەۋەلىكى ياپونىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1884-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى گېنېرال
ئەمىلى ياپونىيە باش ۋەزىر،قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى
خەنزۇچە ئىسمى 东条英机
يۇرتى توكيو
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
چەتئەلچە نامى とうじょう ひでき;Hideki Tōjyō

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىنكى 1945-يىلى9-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى توجوھىدېكى (1884 −1948-يىللار) نىڭ قورۇسىنىڭ ئالدى ئامېرىكا ژاندارمىلىرى، ھەربىيلەر ۋە مۇخبىرلار بىلەن توشۇپ كەتتى، ئەسلىدە توجوھىدېكى قولغا ئېلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇ ئەسنادا، كىشىلەر تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىشتى، توجوھىدېكى تاپانچا تۇتقان ھالدا قانغا مىلىنىپ يەردە ياتاتتى، ئۇ جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەي قالغانىدى.  توجوھىدېكى بىر مىلىتارىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى سەركەردىسى ئىدى. توجوھىدېكى كىچىكىدىن باشلاپ ئەكسىيەتچىل مىلىتارىزم تەربىيىسى ئالغان، كېيىن يەنە تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك تايانچلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا توققۇز يىلدەك ئوقۇغان، بۇ جەرياندا ئەمەلدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قېلىپ، بارا-بارا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە ياپونىيە فاشىزمىنىڭ يادرولۇق ئەربابى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۇرۇشقا ئەسەبىيلەرچە چوقۇنۇپ، ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغان.

1931-يىلى، ياپونىيە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرقىي شىمالدا تۇرۇشلۇق كانتون ئارمىيەسىنىڭ ژاندارما قوماندانى ۋە سەنمۇجاڭى بولغان. ئۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا «جازا يۈرۈشى قىلىش»، «ئامانلىقنى كۈچەيتىش» ھەرىكەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللىنىپ، شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى تەلۋىلەرچە باستۇرغان ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە جۇڭگوغا بالدۇرراق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە كۆپ قېتىم تەخىرسىزلىك بىلەن تەكلىپ بەرگەن.

 1937-يىلى «7-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ياپونىيە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىغان. توجوھىدېكى كانتون ئارمىيىسىنىڭ خىل قىسمىنى باشلاپ خېبېي، سەنشى قاتارلىق رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، بارغانلا يېرىدە ئوت قويۇپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان، ئىشقىلىپ ھەممە ئەسكىلىكنى قىلىپ، ئىككى قولىنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويىغان. ئۇ تاجاۋۇزچىلىق جېڭىدە ئەنە شۇنداق كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ، 1941-يىلى 10-ئايدا ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» قۇرۇش ھەققىدە جار سېلىپ، ئۇرۇشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنى يۇتۇۋېلىشقا تەييارلانغان. 1941-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ پيورل-خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىش بىلەن بىللە، 21 قۇرۇقلۇق ئارمىيە دىۋىزىيىسىنى ئىشقا سېلىپ فىلىپپىن، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 3 مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىن بىلەن  100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئىبلىس چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان.

لېكىن، توجوھىدېكىنىڭ ياخشى كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ياپونىيە بىر قاتار زور ئۇرۇشلاردا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. توجوھىدېكى تەرەپ-تەرەپتىن قورشاۋدا قېلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1945-يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ قانخور جاللات قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى پەملەپ، ئۆلۈۋېلىپلا قۇتۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن غەرىزى ئىشقا ئاشمىغان، 1948-يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي ئىشلار سوتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ، دارغا ئېسىلغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    83.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    16.7%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#