جاڭ شياڭتۇڭ

قاتناش سىگنال چىرىغىدا قىزىل رەڭ يۈرۈشتىن توختاشنى، يېشىل رەڭ يۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ساقچى ماشىنىلىرى ئايلانما قىزىل چىراغ ئارقىلىق ئالدىدىكىلەرنى يول بېرىشكە ئەسكەرتىدۇ؛ دوختۇرخانا بىنالىرىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قىزىل كرېست بەلگىسى بار. . . نېمە ئۈچۈن خەتەر چىقىدىغان، ئېھتىيات قىلىنىدىغان، جىددىيلىك كۆرۈلىدىغان سورۇنلارغا قىزىل رەڭ سىگنال قىلىنىدۇ؟ بۇ سوئالغا مەشھۇر نېرۋا پسىخولوگى جاڭ شياڭتۇڭ (1907 −) جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ شياڭتۇڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خېبىي ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2007-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 张香桐
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1907-يىل
كەسپى نېرۋا فىزىئولوگى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 جاڭ شياڭتۇڭ خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 15 يېشىدا مەكتەپكە كىرگەن، ئۇ ئوقۇغاچ خىزمەت قىلىپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداشقا ياردەملەشكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئوقۇش خىراجىتىنى غەملىيەلمىگەچكە، ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولغاچ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگەنگەن، ئىمتىھانلاردا ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئىمتىھان سوئالىنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇ مۇشۇنداق بىر يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇپ، 1928-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن.

 ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەندىن كېيىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ياكى گېزىتخانىدا كوررېكتورلۇق قىلىش، ئورىگىنال كۆچۈرۈش ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىغان. 1933-يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن. 1943

-يىلى جاڭ شياڭتۇڭ ئامېرىكىدا ئوقۇپ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىنى سېتىپ يول خىراجىتى غەملەيدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەن تەتقىقات ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن، بىر ياقتىن ئۆگىنىپ، بىر ياقتىن ئىشلىگەن، ئاخىرىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئەلا نەتىجە بىلەن مۇددەتتىن بىر يىل ئىلگىرى ئالغان. ئۇ نۇرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلاش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، نۇرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنى غىدىقلايدىغانلىقىنى بايقىغان. ھازىر دۇنيادىكى فىزىئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ خىل ھادىسىنى «جاڭ شياڭتۇڭ ئېففېكتى» دەپ ئاتايدۇ.

جاڭ شياڭتۇڭ كۆرۈش سېزىمى فىزىئولوگىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، كۆرۈش نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ يالغۇز بولماي، بەلكى ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان توملۇقتىكى تالا توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى، توملۇقى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئۈچ خىل نېرۋا تالاسى قىزىل، يېشىل، كۆك ئۈچ ئانا رەڭنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى، قىزىل رەڭ ئۇچۇرى ئەڭ توم نېرۋا تالا توقۇلمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغانلىقىنى؛ كۆك رەڭ ئۇچۇرى ئەڭ ئىنچىكە نېرۋا تالا توقۇلمىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭ سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولىدىغانلىقىنى؛ يېشىل رەڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەگەر قىزىل رەڭ بىلەن كۆك رەڭ بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولسا، كىشىلەر ئاۋۋال قىزىل رەڭنى، ئاندىن كۆك رەڭنى كۆرىدۇ. مانا بۇ جىددىيلىك كۆرۈلىدىغان، خەتەر چىقىدىغان، ئېھتىيات قىلىنىدىغان جايلاردا قىزىل رەڭنىڭ سىگنال قىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىلمىي قائىدىسى.

 70-يىللاردا، جاڭ شياڭتۇڭ يىڭنە بىلەن ئاغرىق توختىتىشنىڭ نېرۋا پرىنسىپىنى تەتقىق قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان سېزىملەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىملار ئېتىراپ قىلدى. جاڭ شياڭتۇڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى سەۋەبىدىن، 1980-يىلى دۇنيا سىلىشېرد فوندى جەمئىيىتى تارقاتقان «سىلىشېرد» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#