جاڭ يۈجې

1928-يىلى قىشتا، ئامېرىكىنىڭ يېكاس رەسەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 26 ياشلىق جۇڭگولۇق ياش جاڭ يۈجې (1902-1986) بىر كىچىك سەييارىنى بايقايدۇ. خەلقئارا قائىدە بويىچە، كىچىك سەييارە ئۇنى بايقىغۇچىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلاتتى. جاڭ يۈجې ئۆزى بايقىغان كىچىك سەييارىنى «جۇڭخۇا» دەپ ئاتايدۇ. جۇڭخۇا كىچىك سەييارىسى يۇلتۇزلار جەدۋىلىدە 1125-نومۇر بولىدۇ، بۇ جۇڭگولۇقلار بايقىغان ۋە نام قويغان تۇنجى كىچىك سەييارە ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جاڭ يۈجې
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى −1986-يىل
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 张钰哲
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1902-يىل
كەسپى ئاسترونوم
چەتئەلچە نامى Yu-Che Chang

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم بوشلۇقىدا مىليونلىغان كىچىك سەييارىلەر بار، ئۇلارنىڭ دىئامېتىرى نەچچە 10 كىلومېتىردىن نەچچە 100 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆپىنچىسى مارس ۋە يۇپىتېر ئوربىتىسى ئىچىدە قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كىچىك سەييارىلەرنىڭ تارقىتىلىشى، ھەرىكەت ئوربىتىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ھەمراھ، ئالەم پونكىتى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش خىزمەتلىرىدە بولمىسا بولمايدىغان ھالقا. بىراق، قۇياش ۋە چوڭ سەييارىلەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە، كىچىك سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىش، ئۈزلۈكسىز جاپالىق ھېسابلاش ئارقىلىقلا توغرا تاپقىلى بولىدۇ. 

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ يۈجې نەنجىڭدىكى زىجىڭشەن رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ سەييارە تەتقىقاتى ئىشخانىسىغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ، 40 يىل ئىچىدە كىچىك سەييارىلەرنى 8000 −9000 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆزىتىپ، نومۇر قويۇلمىغان 1000 غا يېقىن كىچىك سەييارىنى بايقايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 100 چىسى كۆپ قېتىم كۆزىتىلىدۇ ھەم ئوربىتىسى توغرا ھېسابلاپ چىقىلىپ، خەلقئارادىكى مەڭگۈلۈك نومۇر ۋە نام ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. بۇ كىچىك سەييارىلەرنىڭ بەزىلىرى جاڭ خېڭ، زۇ چۇڭجژ، يىشىڭ، گو شۇجىن، شېن كو دېگەندەك ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ نامى بىلەن؛ بەزىلىرى بېيجىڭ، نەنجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، تەيۋەن دېگەندەك ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇلار يەنە كېيىن «زىجىڭشەن» دەپ نام قويۇلغان ئۈچ يېڭى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى بايقايدۇ. 

جاڭ يۈجېنىڭ كىچىك سەييارە تەتقىقاتى جەھەتتىكى تۆھپىسى خەلقنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئۇ خەلقئارادا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، كىچىك سەييارە مۇتەخەسسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 1978-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى رەسەتخانىسى ئۆزلىرى 1976-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بايقىغان كىچىك سەييارىگە «جاڭ» دەپ نام قويۇپ، جاڭ يۈجېغا بولغان ئېھتىرامىنى بىلدۈردى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#