مىڭ سۇلالىسى نىڭ يۇڭلې يىللىرىدا، جېڭ خېنى غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ «يۇڭلې چوڭ قامۇسى» نى تۈزۈپ، قەدىمكى مەدەنىيەتكە دائىر نۇرغۇن كلاسسىك ئەسەرلەرنى ساقلاپ قېلىش دېگەنگە ئوخشاش جۇڭگو تارىخىدىكى بۇ كاتتا ئىشلار دەل مىڭ چېڭزۇ − جۇ دىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن روياپقا چىققان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇ دى
خەنزۇچە ئىسمى 朱棣
باشقا نامى مىڭ چېڭزۇ
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1360-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1424-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
كەسپى پادىشاھ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇ دى جۇ يۈەنجاڭنىڭ 4-ئوغلى بولۇپ، 11 يېشىدا يەن رايونىنىڭ بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن، 20 يېشىدا بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) نى ساقلاشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ناھايىتى گەۋدىلىك، ئەلەمگە پىشقان، تاكتىكىغا ماھىر، جەڭدە باتۇر بولۇپ، كۆپ قېتىم قوشۇن تارتىپ چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، يىراق-يېقىنغا داڭق چىقارغان. جۇ يۈەنجاڭ ئۆلگەندىن كېيىن، خانىش سۈنجۇ يۈنۋېن تەختكە چىقىپ، ئۆزىنى جيەن ۋېندى دەپ ئاتىغان، باش ۋەزىر چى چىن بىلەن خۇاڭ زىچېڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، ۋاسسال بەگلەرنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. 1399-يىلى، جۇ دى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يالغاندىن ساراڭ قىياپەتكە كىرىۋالغان، ئۇزاق ئۆتمەي ئەسكەر توپلاپ جيەن ۋېندىغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، تۆت يىل جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر نەنجىڭنى ئىشغال قىلىپ پادىشاھ بولغان. تارىختا ئۇ مىڭ چېڭزۇ دەپ ئاتالغان.

جۇ دى تەختكە چىققاندىن كېيىن، جيەن ۋېندىنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتقۇزۇپ قويۇشىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان بىرمۇنچە تەدبىرلەرنى قوللانغان. ۋاسسال بەگلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويماي، ئۇلارنى ئېسىل كىيىنىپ، نازۇ نېمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرىدىغان بايۋەچچىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان؛ ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ، ئىشەنچلىك ئادەملىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، دۆلەتنىڭ ۋە قوشۇننىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ياردەملەشتۈرگەن؛ ھەرەمئاغىلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ئەلچىلىككە بېرىش، جازا يۈرۈشى قىلىش، قوشۇننى نازارەت قىلىش، شەھەرنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھوقۇقلارنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارغا رازۋېدكا قىلىش ۋە قولغا ئېلىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان ئاپپارات − كۈنچىقىش پايلاقچىلار مەھكىمىسىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇپ، ھەرەمئاغىلىرى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىپايان چېگرا مۇداپىئىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چېگرا رايونلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە باش دىۋان قوغداش ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلغان، يۇڭلېنىڭ 7-يىلى (مىلادىيە 1409-يىلى)، ئادەم ئەۋەتىپ نۇرخات باش دىۋان مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، غەربتە ئونان دەرياسىغىچە، شەرقتە ساخالىن ئارىلىغىچە، جەنۇبتا ياپون دېڭىزىغىچە، شىمالدا شىڭئەنلىڭغىچە بولغان بىپايان زېمىننى باشقۇرغان. قۇملۇقنىڭ شىمالىغا بەش قېتىم ئەسكەر تارتىپ، ئۆزلىرىگە دائىم تاجاۋۇز قىلىپ ئارام بەرمەيدىغان تاتارلار بىلەن ئويراتلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان. 1410-يىلى، 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ ئونان دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ، تاتار قەبىلىلىرىنى يوقاتقان. ئىككىنچى قېتىم ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل چېگرىسىدىكى تۇلا دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ، ئويرات قەبىلىلىرىنى يوقاتقان. 

جۇ دى چوڭ دۆلەتنىڭ كارامىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، جېڭ خېنى يەتتە قېتىم غەربىي ئوكيانغا ئەۋەتكەن؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، سۇڭ لىنى ئەۋەتىپ خۇيتۇڭ دەرياسىنى راۋانلاشتۇرغان؛ چېن شۈەننى ئەۋەتىپ 3000 چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى خۇەينەن قانىلىنى ناھايىتى راۋان قىلىپ قازدۇرغان. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شيې جىن قاتارلىق ئۆلىمالارنى يىغىپ «يۇڭلې قامۇسى» نى تۈزدۈرۈپ، قەدىمكى مەدەنىيەتكە دائىر نۇرغۇن كلاسسىك ئەسەرلەرنى ساقلاپ قالغان. 1421-يىلى، پايتەختنى بېيجىڭغا يۆتكەپ، بېيجىڭنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1424-يىلى، شىمالغا يۈرۈش قىلىۋېتىپ شۇمۇچۈەن (ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۇجۇمۇچىن دېگەن يەرنىڭ شەرقىي جەنۇبى) گە كەلگەندە 64 يېشىدا ئۆلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#