ماگېللان

ماگېللان

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزى ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ چىلىدىكى ئەڭ چوڭ رايون ماگېللان دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاسماندا يەنە چوڭ-كىچىك «ماگېللان بۇلۇتى» بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى پورتۇگالىيىلىك مەشھۇر دېڭىزچى ماگېللان (1480−1521) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماگېللاننىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر شارىنى دېڭىزدا ئايلانغانلىقىنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماگېللان
باشقا نامى Ferdinand Magellan ،麦哲伦
يۇرتى پورتۇگالىيە پورت
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1521-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 费迪南德·麦哲伦
دۆلەت تەۋەلىكى پورتۇگالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1480-يىلى
كەسپى ئېكىسپېدىتسىيىچى، دېڭىزچى، مۇستەملىكىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماگېللانجەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز بوغۇزى ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ چىلىدىكى ئەڭ چوڭ رايون ماگېللان دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئاسماندا يەنە چوڭ-كىچىك «ماگېللان بۇلۇتى» بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى پورتۇگالىيىلىك مەشھۇر دېڭىزچى ماگېللان (1480 −1521) نىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماگېللاننىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق يەر شارى نى دېڭىزدا ئايلانغانلىقىنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. 

ماگېللان ئەترىتىماگېللان يەر شارى نىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، غەربىي يېرىم شارغا دېڭىز سەپىرى قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. 1518-يىلى، ماگېللان يىراق دېڭىز سەپىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىسپانىيە ئۈچۈن ئاتلانتىك ئوكيان دىن نامخائىغا بارىدىغان دېڭىز لىنىيەسىنى ئاچىدۇ. 1519-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ماگېللان توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن270 ماتروس بىلەن بەش كېمە ئەترىتىنى باشلاپ سانلۇكا دېڭىز پورتىدىن يولغا چىقىدۇ. 1520-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، كېمە ئەترىتى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چېتى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز بوغۇزى (ھازىر ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتىلىدۇ) دىن ئۆتكەندە، كېمە ئەترىتىدە ئاران ئۈچ كېمە قېپقالىدۇ، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى «نامخائى» غا يېتىپ كېلىدۇ، بۇ جايدا سۇ يۈزى تىنچ بولغاچقا «تىنچ ئوكيان» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىسىم تا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىنچ ئوكياندا بەش ئاي يۈرۈپ، 1521-يىل 3-ئاينىڭ 28-كۈنى فىلىپپىن نىڭ مېدان ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، ئىسپانىيە ئۈچۈن ئاتلانتىك ئوكيان دا تۇنجى ئىتتىپاقداشنى تاپىدۇ. ماگېللان كېيىن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ماجراسىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ماگېللان ئۆلگەندىن كېيىن، ئېركانو بىر كېمە بىلەن 21 ماتروسقا قوماندانلىق قىلىپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئۈمىد تۇمشۇقى نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكيان غا كېلىپ، ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق يەر شارى نى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملاپ، يەرنىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نەزەرىيەنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#