مورگان

جانلىقلار دۇنياسىدا، ئەركەك-چىشى جىنستىكىلەرنىڭ جىنسىي پەرقىدىن باشقا، يەنە باشقا روشەن پەرقلەر بار. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىم توماس مورگان (1866-1945)، تەتقىقات ئارقىلىق: بۇنىڭغا، ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يۈرگۈچى گېننىڭ خروموسومدا گۇرۇپپىلار بويىچە تۇرغانلىقى سەۋەب بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ گېنېتىكىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش ئىدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مورگان
باشقا نامى Thomas Hunt Morgan
تۇغۇلغان ۋاقتى 1866-يىلى
كەسپى ئېمبرىئولوگ، ئىرسىيەتشۇناس
خەنزۇچە ئىسمى 摩尔根
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خۇپىگىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (دوكتور)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورگانجانلىقلار دۇنياسىدا، ئەركەك-چىشى جىنستىكىلەرنىڭ جىنسىي پەرقىدىن باشقا، يەنە باشقا روشەن پەرقلەر بار. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ ئامېرىكىلىق ئالىم توماس مورگان (1866-1945)، تەتقىقات ئارقىلىق: بۇنىڭغا، ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ئېلىپ يۈرگۈچى گېننىڭ خروموسومدا گۇرۇپپىلار بويىچە تۇرغانلىقى سەۋەب بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بۇ گېنېتىكىدىكى بىر قېتىملىق زور بۆسۈش ئىدى. 

مورگان ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، خۇپىگىنس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە سەزگۈر كۆزىتىش كۈچىگە ئىگە ئالىم بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەنگەن، ئۇ دۇنيا بويىچە، مېۋە چىۋىنىنى گېنېتىكا جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ داڭق قازانغان.

مورگان1910-يىلى، مورگان ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈش قاچىسىدا بىر ئەركەك مېۋە چىۋىنىنىڭ ئاق كۆزى بارلىقىنى بايقايدۇ، ھالبۇكى، ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىرىنىڭ كۆزى قىزىل ئىدى. مورگان بۇ غەلىتە ئەھۋالغا دىققەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىشنى قارار قىلىدۇ. مورگان بۇ ئالاھىدە مېۋە چىۋىنى بىلەن ئادەتتىكى مېۋە چىۋىنلىرىنى چېتىشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى (1F) نىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ؛ ئۇ يەنە 1 F ئەۋلادتىكىلەرنى چېتىشتۇرۇپ 2 F ئەۋلادقا ئېرىشىدۇ، 2 F ئەۋلادتا كۆزى قىزىل مېۋە چىۋىنلىرىمۇ، كۆزى ئاق مېۋە چىۋىنلىرىمۇ بولىدۇ، ھالبۇكى، چىشى چىۋىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى قىزىل، ئەركەك چىۋىنلەرنىڭ يېرىمىنىڭ كۆزى قىزىل بولىدۇ. مورگان يۇقىرىقى ھادىسىنى كۆزى ئاق بولۇش گېنى X خروموسومغىلا جايلاشقان، Y خروموسومدا مۇناسىپ تەڭشەش گېنى يوق دەپ قىياس قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. مورگان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مېۋە چىۋىنىدىكى 100 دىن ئارتۇق گېننىڭ ئىرسىيەت شەكلى كۆزى ئاق بولۇش بىلەن ئوخشايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى X خروموسومغا جايلاشقانلىقىنى، دېمەك بىر تال خروموسوم نۇرغۇن گېنلارنى ئېلىپ يۈرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ، مانا بۇ گېنېتىكىدىكى باغلىنىش ھادىسىسىدۇر. مورگاننىڭ بۇ بايقىشى خروموسوم بىلەن گېننىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پەرقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، خروموسوم ئىرسىيەت نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلىپ، گېنېتىكا تەتقىقاتىدا يېڭى بەت ئاچتى. مورگان مۇشۇ خىزمىتى سەۋەبىدىن، 1933-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا ۋە بىئولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#