جېڭ زوشىن

قۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، بىراق ئۆمۈر بويى قۇش بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار كۆپ ئەمەس، جۇڭگونىڭ قۇششۇناسى(ئورنىتولوگىيە مۇتەخەسسىسى) جېڭ زوشىن (1906 −) تۈرلۈك قۇش تۈرلىرىنى نەچچە ئون يىل تەتقىق قىلىپ، قۇش تۈرىدىكىلەر ئۈچۈن «شەجەرە يېزىپ، ئارخىپ تۇرغۇزىدۇ» ، ئۇنىڭ نامى ئالەمگە خۇددى قۇشلارغا ئوخشاش تارىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جېڭ زوشىن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1998-يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 郑作新
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1906-يىل 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى قۇشلار ئىلمى مۇتەخەسسىسى
ۋەكىللىك ئەسىرى « جۇڭگو قۇشلار سىستېمىسى پروگراممىسى » ( ئېنگلىزچە )

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جېڭ زوشىننىڭ بالىلىق مەزگىللىرى ئانچە كۆڭۈللۈك ئۆتمەيدۇ، بەش يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتىدۇ، بىراق ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، 15 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدۇ. 1926-يىلى فۇجيەن شېخې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزىدۇ، شۇ يىلى ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 

جېڭ زوشىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ قۇششۇناسلىق خىزمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشىدۇ. ئۇ جۇڭگو ئۆي توخۇسىنىڭ ئەجدادى − جۇڭگو بانكىۋ توخۇسىنى بايقاپ، جۇڭگونىڭ ئۆي توخۇلىرى ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلگەن دېگەن نەزەرىيىنى تۈزىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە دارۋىننىڭ «ھايۋانلار ۋە ھايۋانلارنى ئۆيدە باققان چاغدىكى ئۆزگىرىشى» دېگەن كىتابىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پۈتۈن خەلق «تۆت زىيانداش» (چاشقان، قۇشقاچ، چىۋىن، پاشا) نى يوقىتىۋاتقان كۈنلەردە، جېڭ زوشىن كۆپ يىللاردىن بېرى توپلىغان قۇشقاچنىڭ يىللىق ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، قۇشقاچنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردا زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدىغانلىقىنى، پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، پەقەت ھوسۇل يىغىش مەزگىللىرىدىلا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە زىيان سېلىش ئەھۋالىنى تىزگىنلەش لازىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، قۇشقاچنىڭ تۆت زىيانداشنىڭ بىرى دېگەن قالپىقىنى ئېلىۋېتىدۇ.

ھازىر قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ يېڭى سۇبتۈرى دۇنيادا كۆپ ئەمەس، دۇنيادىكى قۇششۇناسلار قۇش تۈرلىرىنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى 200 −300 يىل ئىشلىدى، شۇڭا، قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى تېپىش ھازىر ئىنتايىن قىيىن. جېڭ زوشىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، 20 نەچچە خىل قۇش تۈرىنىڭ يېڭى سۇبتۈرىنى بايقىدى، بۇ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە دۇنيا قۇششۇناسلىرى ھەيران قالدى ۋە ئاپىرىن ئوقۇدى.

ئۇ يېقىنقى زامان جۇڭگو قۇششۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ قۇش تۈرى بايلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ ئون نەچچە تەتقىقات ئەسىرى، نەچچە 100 ئىلمىي ماقالە يېزىپ، گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، كۆپ قېتىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولدى. 1988-يىلى يەنە، ئامېرىكا ياۋايى ھايۋانلار جەمئىيىتى تارقاتقان خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/37012.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#