دىئاس  (1450-1500) تىن ئىلگىرى، غەربىي ياۋروپادىن دېڭىز يولى ئارقىلىق شەرققە − ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەنلەر يوق ئىدى. مەشھۇر دېڭىز سەپەرچىسى دىئاس مىڭلىغان مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، تۇنجى بولۇپ ئۈمىد تۇمشۇقى ئارقىلىق شەرققە بارىدىغان دېڭىز يولىنى بايقاپ، غەربىي ياۋروپا بىلەن شەرقنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى باشلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى دىئاس
خەنزۇچە ئىسمى 巴尔托洛梅乌·缪·迪亚士
دۆلەت تەۋەلىكى پورتۇگالىيە
چەتئەلچە نامى Bartholmeu Dias
تۇغۇلغان ۋاقتى 1450-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1500-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى
كەسپى دېڭىزچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىئاس پورتۇگالىيەدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپلا دېڭىزدىكى ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكەتلىرىگە قىزىققان، ئىلگىرى كېمە بىلەن بىللە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرگە بارغان بولغاچقا، مول دېڭىز سەپىرى تەجرىبىسىگە ئىگە. 1487-يىلى پورتۇگالىيە پادىشاھى ئۇنى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ شەرققە بارىدىغان يولنى تېپىشقا ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دىئاس بىراقلا مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان. 

1487-يىل 8-ئايدا، دىئاس 100 توننىلىق ئىككى چوڭ يەلكەنلىك كېمىنى باشلاپ، پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسابوندىن يولغا چىقىپ، شامال ۋە دولقۇن كۈچلۈك بولغان غەربىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا سەپەر قىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ كېنىيە ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار ناتونۇش دېڭىزدا ئىزدىنىشنى باشلايدۇ. 13 كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دولقۇن بارغانسېرى ئەدەپ كېتىدۇ، خەتەر كۈنسايىن چوڭىيىدۇ، ماتروسلار داۋاملىق سەپەر قىلىش ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. دىئاس ئىلاجسىز قايتىشقا قوشۇلىدۇ، بىراق، كېمە ئەترىتىدىن ئەتراپتىكى دېڭىزدا قىسقا ۋاقىت ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىزدىنىش داۋامىدا، دېڭىز قىرغىقىنىڭ شەرقىي شىمالغا قايرىلغانلىقىنى، سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭمۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ چاغدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھىندى ئوكيان غا چىققانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. دىئاسنىڭ ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى تېپىش بۇرچى زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىدۇ.

 1488-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، قايتىش سەپىرىدە يەنە ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بوغۇزىغا كېلىدۇ. ئۇلار كېمىدىن چۈشۈپ، قاتتىق قورام تاشقا پورتۇگالىيە يېزىقىدا پادىشاھ جون Ⅱ نىڭ ئىسمىنى ئويۇپ، تۇنجى قېتىم ئافرىقىنى ئەگىپ ئۆتۈش سەپىرىنى خاتىرىلەيدۇ. گەرچە ئۇلار ھىندىستان غا بارالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولى ئېچىلىدۇ، دىئاس مانا بۇ دېڭىز بوغۇزىنى «ئۈمىد تۇمشۇقى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز ھىندىستاننى تېپىشتىن ئۈمىد بار دېگەن مەنىدە. بۇ دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئەتراپىدىكى دولقۇن بەك كۈچلۈك بولغاچقا، «بوران-چاپقۇنلۇق تۇمشۇق» دەپمۇ ئاتالغان. 

1488-يىل 12-ئايدا، كېمە ئەترىتى 1 يىللىق دېڭىز سەپىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ لىسابونغا قايتىپ كېلىدۇ، پادىشاھ دىئاسنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بايقىشى بىر مەھەل زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ. 1500-يىلى دىئاس يەنە بىر قېتىم چوڭ تىپتىكى كېمە ئەترىتىنى باشلاپ، ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش سەپىرىگە چىقىدۇ. كېمە ئەترىتى ئۈمىد تۇمشۇقىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندا، بىردەملىك قۇيۇن قاتتىق دولقۇن پەيدا قىلىپ، تۆت كېمە ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، دىئاس بەختكە قارشى دېڭىزدا جان ئۈزىدۇ.

 تۇنجى بولۇپ ئۈمىد تۇمشۇقى ئايلىنىپ ياۋروپالىق بولۇپ قالغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#