سۇڭ يىڭشىڭ

17-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا جۇڭگونىڭ «كۈللى مۆجىزات» دېگەن كىتابى غەرب ئەللىرىگە تارالغاندىن كېيىن، ياۋروپالىقلار ھەيران قېلىپ، ئۇنى «جۇڭگونىڭ 17-ئەسىردىكى تېخنولوگىيە قامۇسى» دەپ ئاتاشقان. بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم سۇڭ يىڭشىڭ (1587-1666) دۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۇڭ يىڭشىڭ
خەنزۇچە ئىسمى 宋应星
باشقا نامى 宋长庚
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى ئالىم
تۇغۇلغان ۋاقتى 1587-يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1666-يىل (1661-يىل، 1663-يىل دېگەن قاراشمۇ بار
ياشىغان زامان مىڭ سۇلالىسى دەۋرى
يۇرتى جياڭشى فېڭشىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇڭ يىڭشىڭ  جياڭشىنىڭ  فېڭشىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 28 يېشىدا جۈرېن(تەشرىپدار) لىككە ئۆتكەن، 47 يېشىدا جياڭشىنىڭ فېنيى ناھىيەسىدە مائارىپقا مەسئۇل مەنسەپدار بولۇپ، «كۈللى مۆجىزات» نى يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ، ئۈچ يىلدا تاماملىغان. كېيىن فۇجيەن، ئەنخۇيلاردا كىچىك مەنسەپدار بولغان، 1644-يىلى مىڭ سۇلالىسى يوقالغاندىن كېيىن، مەنسەپنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتىپ، ئىستىقامەتتە بولغان.

جۇڭگونىڭ فېئوداللىق جەمئىيىتىدە ئەل ئىچىدىكى ھۈنەر-سەنئەت «ئەرزىمەس ھۈنەر» دەپ قارىلاتتى، ئادەتتە ئوقۇمۇشلۇقلار كۆزگە ئىلمايتتى، سۇڭ يىڭشىڭ بۇنى ئەمگەكچى خەلق ئىجاد قىلغان قىممەتلىك بايلىق دەپ قاراپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ «كۈللى مۆجىزات» قا خاتىرىلەيدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى پەن-تېخنىكىسىغا دائىر مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالىدۇ. غەربتە بۇ كىتاب «جۇڭخۇا ئىمپېرىيەسىنىڭ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى سانائىتى» دېگەن نام بىلەن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.

«كۈللى مۆجىزات» تا خاتىرىلەنگەن شال مايسىسى يىلتىزىغا سۆڭەك كۈلى بېرىش ئېلىمىزدە فوسفورلۇق ئوغۇت ئىشلىتىلگەنلىك توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە؛ ئوخشاش بولمىغان پىلە قۇرتلىرىنى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان «جاجۇڭ سورتى» ئېلىمىزدە شالغۇتلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، پىلە سورتىنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە؛ كىتابتا خاتىرىلەنگەن نازۇك ۋە مۇرەككەپ كەشتە ماشىنىسى ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماشىنا؛ ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن سىنك تاۋلاش تېخنىكىسىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ھېسابلىنىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6215.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#