سۈن شۇئاۋ

«چۈمۈلىلەرنى قۇتۇلدۇرغانلارنىڭ ئىچىدىن ئەلىيۇلئەلا تاللىنۇر، يىلاننى كۆمگەنلەر ۋەزىرلىك شاراپىتىگە ئېرىشۇر». بۇ، قەدىمكى زاماندا يېزىلغان مەسنەۋى بولۇپ، باشقىلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن كىشى جەزمەن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى مىسرادا ئېيتىلغان «يىلان كۆمۈش» دېگەن سۆز باشقىلار ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن كەچكەن ئۆسمۈر سۈن شۇئاۋ توغرىسىدىكى ھېكايىگە قارىتىلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سۈن شۇئاۋ
يۇرتى خېنەننىڭ خۇەيبىن
ياشىغان زامان ئەمىنىيە دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈن شۇئاۋ ئەمىنىيە دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىنىڭ چىسى (ھازىرقى خېنەننىڭ خۇەيبىن دېگەن يېرى) دىن بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى ئاق كۆڭۈل بولۇپ، سۇن شۇئاۋغا ياخشى ئادەم بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا باشقىلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەن.

سۈن شۇئاۋ ئون ياشقا كىرگەن يىلى، كەنت سىرتىدىكى چوڭ يولدا بىر ئىككى باشلىق يىلاننى كۆرۈپ قالىدۇ. قەدىمكىلەر ئىككى باشلىق يىلاننى بالا-قازا ئېلىپ كېلىدىغان نەرسە، دەپ قارايتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىككى باشلىق يىلاننى كۆرۈپ قالغان ئادەم ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ قالىدىكەن. ئەينى چاغدا، سۈن شۇئاۋ «ئەمدى ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم» دەپ ئويلاپ، ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. بىراق، ئۇ يەنە: «بۇ ئىككى باشلىق يىلان تىرىك قالسا، جەزمەن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، مەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن باشقىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىم كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلايدۇ ھەمدە ئىككى باشلىق يىلاننى يوغان تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، قاقاسلىققا ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىدۇ. ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئانىسىغا يىلان كۆرگەن، يىلاننى ئۆلتۈرگەن، كۆمۈۋەتكەن ئىشىنى يىغلىغىنىچە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللانغان ھالدا: «سەن باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئىككى باشلىق يىلاننى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋېتىپ ناھايىتى توغرا قىپسەن. ياخشى ئىش قىلغان ئادەم ھەرگىز قىسقا ئۆمۈر كۆرمەيدۇ. سەن چوڭ بولغاندا، چوقۇم دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىسەن» دەيدۇ.

ئۈچ كۈندىن كېيىن، سۈن شۇئاۋ راستتىنلا ئۆلمەيدۇ، ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ باش ۋەزىرى بولىدۇ،

يەنە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى597-يىلى يۈز بەرگەن جەڭدە چۇ بېگى جۇاڭۋاڭغا ياردەملىشىپ، جىن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، چۇ جۇاڭۋاڭنى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. سۈن شۇئاۋ ھازىرقى خېنەن، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردا سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، خەلققە بەخت يارىتىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#