شيۇڭ چىڭلەي

كىشىلەر تۇلپارنى مەدھىيەلىگەندە، ئات تونۇيدىغان بولېنى ئېسىگە ئالىدۇ. جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر خۇا لوگېڭنى مەدھىيىلىگەندە، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ماتېماتىكا پېشۋاسى − شيۇڭ چىڭلەي  (1893-1969) نى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى شيۇڭ چىڭلەي
باشقا نامى 字迪之
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1893-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
كەسپى ماتېماتىكا ئالىمى
خەنزۇچە ئىسمى 熊庆来
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى يۈننەننىڭ مىلې ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1969-يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى، گرون نوبل ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شيۇڭ چىڭلەي (1893 −1969) تەخەللۇسى دىجژ، يۈننەننىڭ مىلې ناھىيەسىدىن، 18 يېشىدا يۈننەن ئۆلكىلىك ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 20 يېشىدا بېلگىيىگە كانچىلىقنى ئۆگەنگىلى بارغان، كېيىن فرانسىيەدە ئوقۇغان ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ، ئاساسەن، فۇنكسىيە نەزەرىيەىسى جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «چەكسىز قاتار فۇنكسىيەسى» گە ئېنىقلىما بەرگەن، بۇ فۇنكسىيە خەلقئارادا شيۇڭ چىڭلەي چەكسىزلىكى دەپ ئاتالغان.

شيۇڭ چىڭلەي مائارىپنى قىزغىن سۆيگەن، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. 1930-يىلى، ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقاندا، ئىلمىي ژۇرنالدىن خۇا لوگېڭنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ قالىدۇ، خۇا لوگېڭنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تارىخى ۋە ماتېماتىكا تالانتىنى ئۇققاندىن كېيىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغىلا ئىگە 19 ياشلىق خۇا لوگېڭنى قائىدىنى بۇزۇپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى غا كېلىدۇ. خۇا لوگېڭ شيۇڭ چىڭلەينىڭ پەرۋىشى ئارقىسىدا، مەشھۇر ماتېماتىكقا ئايلىنىدۇ. ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 70 نەچچە يېشىدا يېرىم پالەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، كېسىلىگە قارىماي ئىككى ئاسپىرانتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ ئىككى ئاسپىرانت ياش ماتېماتىك ياڭ لې بىلەن جاڭ گۇاڭخۇ ئىدى.

شيۇڭ چىڭلەينىڭ ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى كىشىلەرنىڭ مەدھىيىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇ 1921-يىلى شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى (بۇرۇنقى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقاندا، ليۇ گۇاڭ ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ئىستېداتى بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا، تەتقىقاتىغا كۆرسەتمە بېرىدۇ. كېيىن ليۇ گۇاڭنى ئوقۇتقان يەنە بىر پروفېسسور بىلەن بىرلىكتە ئائىلىسى نامرات ليۇ گۇاڭنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇشىغا ماددىي ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بىر قېتىم شيۇڭ چىڭلەي ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى خۇرۇم چاپىنىنى سېتىپ ليۇ گۇاڭغا پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. ليۇ گۇاڭ مەشھۇر فىزىك ئاتالغاندىن كېيىن، ئۆتمۈشتىكى بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ، ئۇ: «پروفېسسورنىڭ مەن ئۈچۈن خۇرۇم چاپىنىنى ساتقان ئىشىنى ئون يىلدىن كېيىن ئۇقتۇم، ئەينى چاغدا تەسىرلەنگەنلىكىمدىن كۆزۈمدىن ئىسسىق ياش ئاقتى. بۇ ئىش مېنىڭ قەلبىمگە چوڭقۇر ئورنىدى، ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇ بىز بۇ بىر ئەۋلادقا نېمىدېگەن كۆيۈنگەن، نېمىدېگەن زور قىزغىن ۋە مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان-ھە!» دەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#