چېن جۇڭۋېي

چېن جۇڭۋېي

جۇڭگودا شۇنداق بىر ئالىم باركى، ئۈزۈلگەن قول-پۇتلارنى ئۇلىيالايدۇ ۋە پۇت بارمىقىنى قول بارمىقىغا ئۇلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى قېتىم ساغلام قول-پۇتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەم شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋراچ، 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللىكلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى پروفېسسور چېن جۇڭۋېي (1929-) دۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن جۇڭۋېي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1929-يىلى
كەسپى سۆڭەك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى
خەنزۇچە ئىسمى 陈中伟
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2004-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى جېجياڭ نىڭبو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگودا شۇنداق بىر ئالىم باركى، ئۈزۈلگەن قول-پۇتلارنى ئۇلىيالايدۇ ۋە پۇت بارمىقىنى قول بارمىقىغا ئۇلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى قېتىم ساغلام قول-پۇتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ ئادەم شاڭخەي شەھىرىدىكى ۋراچ، 8-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىكروسكوپ ئارقىلىق ئەزا كۆچۈرۈش تاشقى كېسەللىكلىرى يىغىنىنىڭ رەئىسى پروفېسسور چېن جۇڭۋېي (1929-) دۇر. 1963 -يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، شاڭخەي دە بىر ئىشچىنىڭ ئوڭ بىلىكىنى ستانوك ئۈزۈۋېتىدۇ، بۇ ئىشچى ئۈزۈلگەن بىلىكى بىلەن بىللە شاڭخەي 6-دوختۇرخانىنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. قائىدە بويىچە، جاراھەت ئاغزىلا تىكىلەتتى، بىراق مەسئۇل ۋراچ چېن جۇڭۋېي ئۇلاشنى قارار قىلىدۇ. قول ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ ئەزا بولۇپ، قول بىلەن بىلەكنىڭ ئارىلىقىدا 20 نەچچە مۇسكۇل ۋە پەي تۇتىشىپ تۇرىدۇ، يەنە نۇرغۇن قان تومۇر، لىمفا نەيچىسى، سۆڭەك ۋە نېرۋىلار بار. تومۇرلار ئىنتايىن ئىنچىكە بولۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ توغرا ئۇلاشقا توغرا كېلىدۇ. نېرۋا تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىليونلىغان نېرۋا تالالىرى بار، ئۇنىڭ سىرتىنى تومۇزغا قانىتىدىنمۇ نېپىز بىر قەۋەت غىلاپ پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ، نېرۋا غىلاپ پەردىسىنى يىپ بىلەن تىكىپ ئۇلاشتا، ئىچىدىكى نېرۋا تالالىرىنى زەخىملەندۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ۋە ئاغرىقنى توختىتىشقا، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. . .

 ئۈزۈلگەن بېلەكنى ئۇلاش كەشتە تىكىش ۋە مىكرو نەققاشچىلىقتىن 100 ھەسسە قىيىن ئىش. ھالبۇكى، چېن جۇڭۋېي دۇنيا مېدىتسىنا تارىخىدا نامايەندە ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قېتىملىق ئوپېراتسىيەنى تاماملىدى، خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر ئۇنى ئۈزۈلگەن قول-پۇتنى ئۇلاشقا ئۇل سالغۇچى، دەپ ئېتىراپ قىلدى. 1973-يىلى 7-ئايدا، چېن جۇڭۋېي بىلەك پۈككۈچى مۇسكۇلىدا ئېغىر قان يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن بىلىكى يىگلىگەن بىمارنى قان يەتكۈزگۈچى نېرۋا ئەركىن كۆكرەك چوڭ مۇسكۇلىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بەزى مېدىتسىنا ژۇرناللىرى، ۋىراچ چېن جۇڭۋېي مۇشۇنداق مۇرەككەپ ئىنچىكە ئوپېراتسىيىنى تاماملىغان تۇنجى ئادەم، دەپ باھا بەردى. 

چېن جۇڭۋېينىڭ ئۈزۈلگەن بارماقنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى %90 كە يەتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى زىيارەت قىلىشقا، لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئىسپانىيىدە، قول بېغىشى نېرۋا ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار 49 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپمۇ ساقىيىپ كېتەلمىگەن، چېن جۇڭۋېينىڭ بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىشى بىلەنلا ساقىيىپ كەتكەن، بىمار ئۇنى «خىسلەتلىك دوختۇر» دەپ توختىماي ماختاپ كەتكەن. 

چېن جۇڭۋېي ساقلاپ قالغان يەنە ئىككى تۈرلۈك دۇنيا رېكورتى تۆۋەندىكىچە: قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئىتقا يات تەنلەردىن پۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلغان، ئىت 1400 كۈندىن ئارتۇق ياشىغان. قانسىزلانغىنىغا 36 سائەت بولغان بىلەكنى قايتا ئۇلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#