چيۇ چېڭتوڭ

چيۇ چېڭتوڭ

1982-يىلى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق − چيۇ چېڭتوڭ (1949-) فېرىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن جۇڭگولۇق ماتېماتىك بولۇپ قالغان. فېرىز مۇكاپاتى خەلقئارا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ، تۆت يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭدا ماتېماتىكىغا زور تۆھپە قوشقان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ماتېماتىكلار ئوبيېكت قىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چيۇ چېڭتوڭ
باشقا نامى Shing-Tung Yau
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1949-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېركلېي تارماق مەكتەپ (دوكتۇر)
خەنزۇچە ئىسمى 丘成桐
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
يۇرتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى
كەسپى ماتېماتىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيۇ چېڭتوڭچيۇ چېڭتوڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن شياڭگاڭغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ ئاتىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغان، ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ، ئۆگىنىشتە تىرىشچان ئىدى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلىغان، كېيىن مەشھۇر ماتېماتىك چېڭ شىڭشېننىڭ ئەتىۋارلىشى بىلەن دەرىجە ئاتلىتىلىپ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ چېن شىڭشېننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى يىلدىلا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئاران 22 ياشتا ئىدى، 25 يېشىدا دوتسېنت بولىدۇ، 28 يېشىدا پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلىدۇ، پرىنتون ئالىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك پروفېسسورى بولىدۇ. 

چيۇ چېڭتوڭ1982-يىلى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق−چيۇ چېڭتوڭ (1949-) فېرىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن جۇڭگولۇق ماتېماتىك بولۇپ قالغان. فېرىز مۇكاپاتى خەلقئارا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولۇپ، تۆت يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭدا ماتېماتىكىغا زور تۆھپە قوشقان يېشى40 تىن ئاشمىغان ماتېماتىكلار ئوبيېكت قىلىنىدۇ. 

چيۇ چېڭتوڭ 1976-يىلى27 يېشىدا، دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيەدىكى مەشھۇر قىيىن تېما − كارابى قىياسىنى ھەل قىلىدۇ ھەم دىففېرېنسىئال تەڭلىمىسىنى دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيەگە تەتبىقلاپ، دىففېرېنسىئال گېئومېتىرىيە ۋە دىففېرېنسىئال تەڭلىمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ ياش ئالىمغا ئايلىنىپ، نامى جاھانغا تارىلىدۇ. 1979 -يىلى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتى پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت مۇزېيى 30 ياشلىق چيۇ چېڭتوڭغا «1979-يىلدىكى كالىفورنىيە ئالىمى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىدۇ. ئۇ تۇنجى بولۇپ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ماتېماتىك. 1981-يىلى يەنە ئامېرىكا ماتېماتىكا ئۇيۇشمىسى تارقاتقان ۋېبلون مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. مۇكاپات باھالىغۇچىلار، چيۇ چېڭتوڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تەسىر كۈچى ھەم ئۇسۇلى ۋە تەتبىقلىنىشىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ كېلىدىغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز، دەپ ھېسابلايدۇ، ئىككىنچى يىلى ۋارشاۋادا فېرىز مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#