چيەن سەنچياڭ

چيەن سەنچياڭ

چيەن سەنچياڭ جېجياڭنىڭ ۋۇشىڭ ناھىيەسىدىن، ئاتىسى چيەن شۇەنتۇڭ «4-ماي» مەزگىلىدىكى مەشھۇر تىل-يېزىق ئالىمى. 1936-يىلى، چيەن سەنچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى فرانسىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. چيەن سەنچياڭ فرانسىيە دىكى مەزگىلىدە، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىي تەتقىقات ئورنىنىڭ كيۇرى تەجرىبىخانىسىدا يادرو فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ

ئۇيغۇرچە ئىسمى چيەن سەنچياڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭنىڭ ۋۇشىڭ ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1992-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 钱三强
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1913-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيەن سەنچياڭ1948-يىلى يازدا، فرانسىيە دە ئۇزۇن يىل تۇرغان چيەن سەنچياڭ (1913 −1992) ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مەشھۇر ئالىم جولىئوت-كيۇرى ئەر-خوتۇن بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ، كيۇرى خانىم ئۇنىڭغا ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئىمزا قويغان باھالاش گۇۋاھنامىسىنى سوۋغا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا: «ئون يىل ئىچىدە بىزنىڭ تەجرىبىخانىمىزغا كەلگەن ۋە بىز خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان زامانداشلار ئىچىدە ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر، بىزنىڭ بۇنداق دېيىشىمىز ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس» دەپ يېزىلغانىدى. 40 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ، چيەن سەنچياڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ۋەتەننىڭ ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر يادرو فىزىكا ئالىمى. 

چيەن سەنچياڭ جېجياڭنىڭ ۋۇشىڭ ناھىيىسىدىن، ئاتىسى چيەن شۇەنتۇڭ «4-ماي» مەزگىلىدىكى مەشھۇر تىل-يېزىق ئالىمى. 1936-يىلى، چيەن سەنچياڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نى پۈتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى فرانسىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. چيەن سەنچياڭ فرانسىيە دىكى مەزگىلىدە، پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ رادىي تەتقىقات ئورنىنىڭ كيۇرى تەجرىبىخانىسىدا يادرو فىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مارىيە كيۇرىنىڭ قىزى ئېلىننا جولىئوت-كيۇرى خانىم ئۇنىڭغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىدۇ.

چيەن سەنچياڭ 1945-يىلى ئۆپچۆرىسىدە، خەلقئارادا، ئاتوم يادروسىنىڭ ئىككى پارچىغىلا بۆلۈنۈش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ قارىلاتتى. چيەن سەنچياڭ بىلەن ئايالى خې زىخۇي ۋە فرانسىيە لىك ئىككى ئاسپىرانت بىرلىكتە يادرو ئېمۇلسىيە تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇران ئاتومى يادروسى نېيتروننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 300 قېتىم يىمىرىلىش جەريانىدا بىر قېتىم ئۈچ پارچىغا بۆلۈنگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ مۇھىم بايقاش ئۇلارنى ئالاھىدە روھلاندۇرۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلار ئۇنى داۋراڭ قىلماي، داۋاملىق تەجرىبە ئىشلەيدۇ. ئۇ چاغلاردا ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر بولمىغاچقا، ھەربىر غەيرىي ھادىسە بايقالغاندا، مۇرەككەپ ھېسابلاپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇلار 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆزىتىش ئارقىلىق، 1946-يىلنىڭ ئاخىرى ئۇران يادروسىنىڭ نېيتروننىڭ زەربىسىدە ئىككىگىلا بۆلۈنۈپ قالماستىن، ئۈچكىمۇ بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، خې زېخۇي يەنە ئۇران يادروسىنىڭ «تۆتكە بۆلۈنۈش ھادىسىسى» نى بايقايدۇ، بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ ئاتوم يادروسىنىڭ بۆلۈنۈشى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فرانسىيە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ، كىشىلەر، بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كيۇرى تەجرىبىخانىسى بىلەن فرانسىيە ئىنستىتۇتى يادرو خىمىيەسى تەجرىبىخانىسىدىكى تۇنجى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت، دەپ قارايدۇ. 

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن چيەن سەنچياڭ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى يادرو پەن-تېخنىكا بازىسى − ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ، نۇرغۇن ياش-ئوتتۇرا ياش كەسىپ تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، 1964-يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تۇنجى ئاتوم بومبىنى پارتلىتىش سىنىقىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، جۇڭگو ئاتوم ئېنېرگىيەسى سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#