چيەن شۆسىن

چيەن شۆسىن

چيەن شۆسىن (1911-) نىڭ جەمەت يۇرتى جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى بولۇپ، ئۆزى شاڭخەي دە تۇغۇلغان. 1934-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدۇ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ۋە كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئالىدۇ، 1938-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چيەن شۆسىن
باشقا نامى Tsien Hsue-shen
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1911-يىلى
كەسپى دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىم ، ئائېرودىنامىكا مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئىسمى 钱学森
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شاڭخەي
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2009-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيەن شۆسىن1980-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو تىنچ ئوكياندىكى بەلگىلەنگەن دېڭىز رايونىدا تۇنجى توشۇغۇچى راكېتا قويۇپ بېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىشنى «جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغان سنارەدىنىڭ ئاتىسى چيەن شۆسىن» دېگەن تېمىدا پۈتۈن دۇنياغا خەۋەر قىلغان. 

چيەن شۆسىن (1911-) نىڭ جەمەت يۇرتى جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرى بولۇپ، ئۆزى شاڭخەيدە تۇغۇلغان. 1934-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئىككىنچى يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدۇ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ۋە كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئالىدۇ، 1938-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. دۇنياغا مەشھۇر ئاۋىئاتسىيە پىرى، يېقىنقى زامان مېخانىكىسىنىڭ ئاساسچىسى كارمېن ئۇنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ، كېيىن چيەن شۆسىن يەنە كارمېن تەشكىللىگەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ دەسلەپكى راكېتا تەتقىقات ئاپپاراتى «رېئاكتىپ ئىتتىرىش تەجرىبىخانىسى» نىڭ يادرولۇق ئەزاسى بولىدۇ. كارمېن: «36 ياشلىق چيەن شۆسىن تالانتلىق، ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك ھاۋا دىنامېكىسى ۋە راكېتا ئىتتىرىش تېخنىكىسىنى غايەت زور ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەنىدى.

چيەن شۆسىن چيەن شۆسىن مېخانىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى كارمېن بىلەن بىرلىكتە ئېرىشكەن ئاۋازدىن تېز ئاقار جىسىم مېخانىكىسى مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، ئۇ ئاۋازدىن تېز ئايروپىلاننىڭ ئىسسىقلىق كاشىلىسى، ئاۋاز كاشىلىسىنى تۈگىتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ، مەشھۇر كارمېن − چەن شۆسىن فورمۇلىسى ئايروپىلان لايىھىلەشتە يېتەكچى رولغا ئىگە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ نەزەرىيەسى ئامېرىكىنىڭ راكېتا تەتقىقاتىغا تەتبىقلىنىپ روشەن ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. 

چيەن شۆسىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشىغىلا ۋەتەنگە قايتىشقا تەييارلىنىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چيەن شۆسىننىڭ جۇڭگو ئىلىم-پېنىدە ئوينايدىغان رولىنى ئوبدان بىلگەچكە، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىمبال ھەتتا: «مەيلى نەگىلا بارسۇن ئۇ بەش دېۋىزىيىگە تېتىيدۇ»، «ئېتىۋەتسەم ئېتىۋېتىمەنكى، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن ئايرىلىشىغا يول قويمايمەن! » دېگەن. كېيىن، زۇڭلى جۇ ئېنلەي نىڭ بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىشى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئارىلىشىشى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مۇراجىئەت قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلاجسىز قالىدۇ.

چيەن شۆسىن 1955-يىلى، چيەن شۆسىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ، كېيىن ئۇ ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتناش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، يادرو قوراللىرى تەتقىقاتىغا تۆھپە قوشىدۇ. 

چيەن شۆسىننىڭ تەپەككۇرى تېز، نەزەر دائىرىسى كەڭ. ئۇ 50-يىللاردا كىبېرنېتىكا (تىزگىنلەش نەزەرىيەسى) ئىدىيىسىنى تېخنىكا ساھەسىگە تەتبىقلاپ، نۇرغۇن پەنلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يېپيېڭى ئۇسۇل − قۇرۇلۇش تىزگىنلەش نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ. 70-يىللاردىن بۇيان، ئادەتتىكى تېخنىكىغا تەتبىقلىغىلى بولىدىغان سىستېماتىكا (سىستېما ئىلمى) نى بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ گىرەلەشمە پەنلەر تەتقىقاتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشىدۇ. ئۇ مائارىپ ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرىدۇ.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#