چيەن ۋېيچاڭ

چيەن ۋېيچاڭ

چيەن ۋېيچاڭ جياڭسۇنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بەش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىۋالىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 1937-يىلى كاناداغا بېرىپ ئوقۇپ، 1942-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى رېئاكتىپ ئىتتىرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى 钱伟长
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇنىڭ ۋۇشى شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 2010-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئىسمى 钱伟长
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1912-يىلى
كەسپى ئالىم، مائارىپچى، جامائەت ئەربابى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چيەن ۋېيچاڭزۇڭلى جۇ ئېنلەي ھايات ۋاقتىدا ئالىملىرىمىزدىن چيەن شۆسىن، چيەن سەنچياڭ، چيەن ۋېيچاڭ لارنى جۇڭگونىڭ «ئۈچ چيەنى» دەپ تەرىپلىگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چيەن ۋېيچاڭ (1912-) ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر مېخانىكا ئالىمى ۋە ھازىرقى زامان ئەمەلىي ماتېماتىكا ئالىمى. 

چيەن ۋېيچاڭ جياڭسۇنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا بەش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتىدۇ، ئاخىرىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى نى تاللىۋالىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 1937-يىلى كاناداغا بېرىپ ئوقۇپ، 1942-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتى رېئاكتىپ ئىتتىرىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولىدۇ. 1946-يىلى چيەن ۋېيچاڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلىگەچ، بېرىلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ يەنە پولشا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكى، ئامېرىكا ماتېماتىكا ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. 

چيەن ۋېيچاڭچيەن ۋېيچاڭنىڭ مېخانىكا ۋە ئەمەلىي ماتېماتىكا ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيادىكى ئالىملارنىڭ تەرىپلىشىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ تاختايسىمان پوست مەسىلىسىگە ئائىت ئىچكى بىردەكلىك نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىپ، تاختايسىمان پوست نەزەرىيىسىنىڭ سىزىقلىق بولمىغان دىففېرېنسىئال تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ خەلقئارادا «چيەن ۋېيچاڭ تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنىڭ ئېلاستىك دېتاللىرى ھالقىسىمان پوست تەھلىلى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى «جۇڭگوچە ئەۋزەللىككە ئىگە مۇھىم تۆھپە» دەپ ئاتالغان، ئۇ نېپىز تاختىنىڭ چوڭ ئېگىلىشىگە دائىر قېيىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلغان، بۇ «چيەن ۋېيچاڭ ئۇسۇلى» دەپ ئاتالىغان. ئۇ يەنە «فورى قاتارى يىغىندىسى» جەدۋىلىنى تۈزگەن، بۇ جەدۋەل 10 مىڭ ترىگونومېترىك قاتارنى ئىچىگە ئالىدۇ. چيەن ۋېيچاڭنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى بار، ئۇ ئىلىم-پەن ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#